شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
باي ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ب ت 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش (2020)50-نومۇرلۇق
باي ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار يا**، ئەر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ************652926، ئۇيغۇر، تولۇقسز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، ** ناھىيە ** يېزا ** كەنت 2-گۇرۇپ 16-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان، بۇلاڭچىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى قولغا ئېلىنغان.
باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى (2020) 14-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى، زىيانلانغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكاردىن سوئال سوراپ، نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى، دېلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ دېلونى ئاخىرلاشتۇردى.
تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋابكار يا** 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچقۇرۇن، ** بازىرى ** مېھمانخانىسىدا زىيانلانغۇچى ئا** بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان، ئىككەيلەن مىھمانخانىدا بىللە ھاراق ئىچىش جەريانىدا، جاۋابكار يا** زىيانلانغۇچى ئا**نىڭ يېنىدا پۇل بارلىقىنى كۆرگەن، شۇ كۈنى كەچ سائەت 23:20 لار ئەتراپىدا، ئىككەيلەن ھاراق ئىچىپ بولغاندىن كىيىن، بىللە مىھمانخانىدىن چىقىپ، ** بازىرىنى ئايلىنىپ ** چوڭ كۆۋرۈك تەرەپتىكى دەريا بۇيىغا كەلگەندە، جاۋابكار يا** ئەتراپتا ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، زىيانلانغۇچى ئا**نى پۇتلاپ يېقىتىپ ئاستىغا بېسىۋېلىپ، گېلىنى سىقىپ تۇرۇپ «ماڭا پۇل بەر» دىگەن، شۇنىڭ بىلەن زىيانلانغۇچى ئا** يانچۇقىدىن 700 يۈەن پۇلنى ئېلىپ جاۋابكار يا**غا بەرگەن، جاۋابكار يا** پۇلنى ئېلىپ قېچىپ كەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، كۆرۈش-ئاڭلاش ماتىرىيالى قاتارلىقلار بار.
مەھكىمىمىز، جاۋابكار يا**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن بۇلاڭچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق ھەم راست، بېكتىشكە بولىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 263-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش: ساجىدەم مەمەت
2020-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى
پۈتۈكچى: گۈلنار سۇلايمان
ئىزاھات:
1) بىر توپلام ج خ ئارخىۋى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپى بىرگە يوللاندى.
2) جاۋابكار ھازىر باي ناھىيەلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论