欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(牙某某涉嫌盗窃一案)(公开版)

2021-09-26 独角龙 评论0

كورلا شەھەرلىك  خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ   

ئەيىبلەشنامىسى

             ك ش ت ج ئەيىبلەش (2020) 26–نومۇرلۇق        جاۋاپكار ي XX،ئەر،ئويغۇر، 1996-يىلى XX-ئاينىڭ   XX- كۈنى تۇغۇلغان.كىملىك نۇمۇرى :

 XXXXXXX6528011996،ساۋاتسىز، موقىم  كەسپى يوق .  نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن:  كورلا شەھىرى ئىتتىپاق يولى بوستان تار كوچىسى113-نومۇر، تۇتۇپ تۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: كورلا شەھىرى XX يېزىسى XX -گۇرۇپ XX -كوچا XX-نۇمۇر، 2014-يىلى6-ئاينىڭ14-كۈنى بولاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن ئۇچ يىللق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2016-يىلى 3-ئاينىڭ3-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن كورلا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن  بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان . 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك ئالتە ئايلىق  قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ  شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۇنى  مۇددىتى توشۇپ قۇيۇپ بېرىلگەن يەنە 2019 -يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى  تەرىپىدىن  ئوغىرلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان،شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى مەھكىمىز قولغا ئېلىشىنى تەستىقلىغان، ئەتىسى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارسى قولغا ئېلىشىنى ئىجرا قىلغان.  

جاۋاپكار ي XXنىڭ ئوغىرلىق دېلوسىنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى12-ئاينىڭ1-كۇنى تەكشۇرۇپ ئەيىبلىىشگە ئۆتكۇزۇپ بەرگەن . مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن شۇ كۇنى جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇنى ئۇختۇرۇپ دېلونىڭ سۇرۇك ۋاقتىنى 15كۇن ئۇزاتقاندىن كىيىن جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، پۇتۇن دېلو ماتىريالىنى تەكشۇرۇپ كۇرۇپ دەلىل –ئىسپاتلارنى سېلىشتۇرۇپ دېلو پاكىتىنى ئېنىقلىدۇق. 

         قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئېنىقلىنىمىزچە :

2019 -يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، جاۋاپكار يXX ، بىيجىڭ ۋاقتې 01:00 لەردىن ئاشقاندا، ئوغورلۇق قىلىش مەقسىتىدە كورلا شەھىرى XX يۇلې XX سودا بازىرىنىڭ كەينې تەرەپ ئىشىكىدىكى «XX » كالا گۆشې ئۈگرىخانىسى يېنىدىكې چىنXX نىڭ بېلىق سېتىش دۇكىنىغا بىرىپ،  زىيالانغۇچې جېن XX نىڭ ئۇخلاپ قالغان پۇرسەتتىن پايدىلنىپ، ئۇنىڭ  كارۋاتنىڭ يېنىغا توك زەرەتلەش ئۇچۇن قۇيۇپ قويغان بىردانە «vivox23»ماركىلىق «v1809A»تىپلىق قارا رەڭلىك تۈز ئېكرانلىق تېلفۇن ۋە بىر دانە« TITON» ماركىلىق ئاق تۈمۈر باغلىق قول سائىتىنې ئوغۇرلاپ چىقىپ كەتكەن. كورلا شەھەرلىك باھادا ئېسپات بېرىش مەركىزىنىڭ دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش (2019) 175-نۇمۇرلۇق يەكۈنى ئارقىلىق ئوغۇرلانغان ئاق رەڭلىك، بىردانە «vivox23 »ماركىلىق«v1809A » تىپلىق قارا رەڭلىك تۈز ئېكرانلىق تېلفۇننى 1300يۈەن (بىرمىڭ ئۈچيۈز يۈەن) ، بىر دانە «TITON» ماركىلىق ئاق تۆمۈر باغلىق قول سائىتىنى 7910يۈەن (يەتتىمىڭ توققۇزيۈز ئون يۈەن) دەپ باھالىغان،  دېلو  قىلىنغاندىن  كىيىن ئوغىرلانغان يانفۇن ۋە قول سائەت يىغىپ كېلىنىپ  ئىگسىگە قايتۇرۇلغان.

جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى يازما ئىسپاتلار، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، باھالاش يەكۇنى نەق مەيدان يۇزلەشتۇزۇش خاتىرسى ،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل –ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ؛ 

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار يXX نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەخسىدىدە ، يوشۇرۇن مەخپى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۆزى يالغۇز شەخسلەرنىڭ 9210 يۇئەن قىممىتىدىكى يانفۇن ۋە قول سائەتنى ئوغىرلىغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جەمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن»نىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگۇلىمىگە خىلاپ بولۇپ جىنايى قىلمىشنىڭ پاكىتى ئېنىق دەلىل –ئىسپاتى تولۇق ئوغىرلىق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىغىنى سۇرۇشتۇرۇشكە تېگىشلىك، جاۋاپكار ي XX تەكرار جىنايەت سادىر قىلغان بولۇپ«جۇڭخۇا جەلق جەمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن»نىڭ 65-ماددىدىكى بەلگۇلىمە بويىچە ئېغىر جازا بىرىش شەرتىگە ئۇيغۇن ، شۇڭا«جۇڭخۇا جەلق جەمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگۇلىسىگە ئاساسەن جاۋاپكار يXXنى  مەھكىمىمىزلارغا ئەيىبلىدۇق قانۇن بويىچە ھوكۇم قىلىشىڭلارنى سورايمىز ؛ 

                           ھۆرمەت بىلەن:

                         كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

  

                                   تەپتىش: پەزىلەت مەھەمدىن     پەرىدەم غوپۇر   

                                 2020-يىلى 1-ئاينىڭ10 -كۇنى 

                  

(1)جاۋاپكار ھازىر كورلا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق  

(2)تەھقىقلەش ئارخىۋې ئىككى توپلام 10نۇسخا ئەيىبلەشنامە بىرگە يوللاندى. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top