欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(牙某某盗窃案)(公开版)

2021-09-20 独角龙 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئۈ ش ت ت 1-بۆلۇم ج ئە چىقىش (2020) 180–نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

     جاۋابكار يا**، ئەر،  ئۇيغۇر، 1958-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6501041958، ساۋاتسىز، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئادرىسى : ئۈرۈمچى شەھىرى ** رايۇنى ** يولى **-نۇمۇر ** قوروسى *-بىنا *-كورپۇس **-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى؛شەھىرىمىزنىڭ *** رايۇنى ** يولى شەرقىي *-كوچا **-نۇمۇر *-بىنا *-ئىشىك **-ئۆيدە .بۇ قېتىم ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ  قاراپ 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن  تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.

     ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار يا**نىڭ ئوغۇرلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 9–ئاينىڭ 17-كۈنى   قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە  جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. 

        قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

     جاۋابكار يا** 2020–يىلى 3–ئاينىڭ 27–كۈنى سەھەر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 6:10 لەر ئەتراپىدا ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى يېڭى ئاۋات يولى 193 – نومۇر چېن پاڭزى ئاشخانسىنىڭ ئالدى يولنىڭ بويىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دا**نىڭ مەست بۇلۇپ ئۇخلاپ قالغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ 3260يۇەن قىممىتىدىكى  بىر دانە قارا رەڭلىڭ ئالما 8 يانفۇننى ئوغۇرلىۋالغان، دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زاڭ مال قايتۇرۇپ كېلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن.

   جاۋابكار  يا** 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى  شىنخۇا جەنۇبىي يولى شەرقىي 1-كوچا 97-نۇمۇر 1-بىنا 1-ئىشىك 301-ئۆيدىن  تىيانشان رايۇنى ج خ شۆبە ئىدارىسى جىنايى ئىشلار 4- ئەترىتى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

  1. يازما ئىسپات: جاۋابكاريا****نىڭ  نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى؛

  2.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دىلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛

  3. جاۋابكار يا**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

  4.باشقا ئىسپات ماتىرىياللار:جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى؛ دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۇنى، نەق مەيدان تونۇتۇش سۆرئەتلىرى؛

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلىشنى خالايدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكاريا****نىڭ قانۇنسىز مېلىنى يوشۇرۇن ئوغىرلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

                                               تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن 

                  تەپتىش ياردەمچىسى:مەردان ھۈسەنجان  

2020–يىلى 9–ئاينىڭ 25–كۈنى

ئەسكەرتىش:

  1.جاۋابكار ھازىر تۇرار جايى نازارەت  ئېلىنغان؛

  2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش ماتىرىيال توپلىمى2 توپلام بىرگە يوللاندى؛

  3.ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش تەكلىبى ۋە جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى؛

  4.جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top