欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(牙某某非法拘禁,强迫交易案)(公开版)

2021-09-22 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئى ر ت ئە چىقىش (2019) 306 - نومۇرلۇق

ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

جاۋابكار ي****، ئەر، ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى : 2614 ********652101؛ نوپۇسىدىكى ئادىرىسى : تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايۇنى ** يېزىسى ** كەنتى **-گۇرۇپپا، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىققان، ئىلگىرى جازالانمىغان. ساختا ھەق-تەلەپ دەۋاسى قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى 06-ئاينىڭ 28-كۈنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلۇپ، مەھكىمىمىز تەرىپىدىن دەلىل-ئىسپات تولۇق ئەمەس دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى قولغا ئېلىش تەستىقلانمىغان، 2019-يىلى 08-ئاينىڭ 04-كۈنى ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن كىپىلگە بېرىلگەن.

ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار ي****نىڭ مەجبۇرىي سودىلىشىش، قانۇنسىز سولاپ قويۇش، ساختا ھەق-تەلەپ دەۋاسى قىلىش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 08-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ ۋە ئۇنى قانون بويىچە سوراق قىلىپ، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، 2019-يىلى 09-ئاينىڭ 19-كۈنى دېلونى بىر قىتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇپ، ھازىر دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.

مەھكىمىمىز قانون بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن جىنايى پاكىتلار تۆۋەندىكىچە :

1. 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 1- كۈنى، زىيانلانغۇچى غ**** جاۋابكار ي****دىن 39000 يۈەن نەق پۇل ۋە ئۇنىڭ ئۈسۈمى 2000 يۇەن بۇلۇپ جەمئى 41000 يۈەن قەرز ئېلىپ، قەرزنى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە قايتۇرۇپ بولىدىغانلىقى تۇغرۇلۇق ھۆججەت بەرگەن، لىكىن قەرىزنى ۋاقتىدا قايتۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن، جاۋابكار ي**** بىلەن زىيانلانغۇچى غ**** ئىككىسى مەسلىھەتلىشىپ، زىيانلانغۇچى غ****نىڭ « 哈飞» ماركىلىق، ****新A5نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى سىتىپ، قەرز پۇلنى قايتۇرۇشقا كىلىشكەن. 2014-يىلى 01-ئاينىڭ 12-كۈنى، جاۋابكار ي****، زىيانلانغۇچى غ****، ش****(جاۋاپكار ي****نىڭ ئىنىسى)، ئا****(جاۋاپكار ي****نىڭ ئاتىسى)، غ**** قاتارلىقلار ** شەھىرى ** رايونىدىكى نىمكەش ئاپتوموبىل ئېلىپ- سېتىش بازىرىغا بېرىپ، زىيانلانغۇچى غ****نىڭ « 哈飞» ماركىلىق، ****新A5 نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى ساتماقچى بولغان. جاۋابكار ي**** ن**** بىلەن تېلفۇندا ئالاقىلىشىپ، ماشىنىنىڭ باھاسىنى 18000 يۈەنگە دىيىشكەن، لىكىن، زىيانلانغۇچى غ**** باھانى تۆۋەن كۆرۈپ، ماشىنىنى سېتىشقا قوشۇلمىغاندىن كېيىن جاۋابكار ي**** زىيانلانغۇچى غ****نىڭ ياقىسىنى سىقىپ ئىتتىرىپ يىقىتىپ، دۈمبىسىگە بىر نەچچىنى تىپىپ، ماشىنىنى 18000 يۈەنگە سېتىشقا مەجبورلىغان. بۇ چاغدا يېقىن ئەتراپتىكى ئامانلىقنى قوغداش ساقچىلىرى يېتىپ كىلىپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىىدىكى ماجرانى بىلگەندىن كىيىن،كىلىشىپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئېيتىپ قايتىپ كەتكەن. كەينىدىن ن**** ماشىنا بازىرىغا يىتىپ كىلىپ، ماشىنىنى كۆرۈپ، 18000 يۈەنگە سېتىۋالىدىغانغا قوشۇلغان. جاۋابكار ي**** زىيانلانغۇچى غ****نىڭ ئۆزىگە پۇل قەرز ئىكەنلىكىنى دەپ، ئۈچ تەرەپ كىلىشىپ، ن****ماشىننى غ****دىن 18000 يۈەنگە نىسىگە سېتىۋالىدىغان، ماشىنا پۇلىنى ي****غا بېرىدىغان بۇلۇپ، زىيانلانغۇچى غ****غا ھۆججەت يېزىپ بىرىپ، ماشىنىنى ھەيدەپ كەتكەن.

2. 2014 -يىلى 06-ئاينىڭ 4-كۈنى، جاۋابكار ي**** زىيانلانغۇچى غ****دىكى ئېشىپ قالغان قەرز پۇلىنى قايتۇرۋىلىش ئۈچۈن، ھ****نىڭ ماشىنىسى كىرا قىلىپ، **شەھىرىگە كىلىپ، ي**** ئارقىلىق زىيانلانغۇچى غ****نى ** شەھىرى ** ئەتراپىدىكى ئىجارىگە ئالغان ئۆيىدىن سائەت 12:00 لەر ئەتراپىدا چاقىرىپ چىقىپ، زىيانلانغۇچى غ****نى ھ****نىڭ ماشىنىسىغا مەجبورى ئولتارغۇزۇپ، ي****نىڭ ** شەھىرى **دىكى ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ، قانۇنسىز بىر كېچە سولاپ قويۇپ، ئەتىسى يەنى 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 8:00 لەر بىلەن جاۋاپكار ي****، ي****لەر ھ****نىڭ ماشىنىسىغا زىيانلانغۇچى غ****نى مەجبورى ئولتارغۇزۇپ، **شەھىرى ** رايونى ** يېزىسى ** كەنتى **-گۇرۇپپىدىكى جاۋاپكار ي****نىڭ ئۆيىگە مەجبورى ئېلىپ كېلىپ قەرزىنى قايتۇرۇشقا قىستىغان، شۇ كۈنى سائەت 16:00 لەر ئەتراپىدا زىيانلانغۇچى غ****نىڭ ئاكىسى غ**** ** شەھىرى ** يىزىلىق ساقچىخانىغا دېلو مەلۇم قىلغاندىن كىيىن، ساقچىخانىدىكىلەر جاۋابكار ي****نىڭ ئۆيىدىن زىيانلانغۇچى غ****نى ساقچىخانىغا ئېلىپ كېتىپ غ****غا تاپشۇرۇپ بەرگەن.

يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن : يازما ئىسپاتلار، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، تۇنۇتۇش خاتىرسى قاتارلىقلار بار.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋابكار ي****نىڭ دۆلىتىمىز قانونلىرىنى كۆزگە ئىلماي، زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ۋاستىسىنى قوللىنىپ، باشقىلارنىڭ ماشىنىسىنى مەجبورى ساتقۇزغان قىلمىشىدىن زورلاپ ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. مەجبورلاش ئۇسۇلى بىلەن باشقىلارنى جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلغان قىلمىشىدىن قانۇنسىز سولاپ قويۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ جىنايى پاكىتلىرى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تولۇق. جاۋابكار ي****نى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى» نىڭ 226-ماددىسى ۋە 238-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىلىرى بويىچە جازالاش كېرەك. شۇڭا، جاۋابكارنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى» نىڭ 176- ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانون بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

تەپتىش : رابىگۈل تۇرسۇن

2019-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى

قوشۇمچە:

1. بۇ دېلو 4توپلام بەت.

2. جاۋابكار ي**** كېپىللىكتە

3. دېلونىڭ بارلىق ئارخىپ ماتىرياللىرى بىلەن 8 پارچە ئەيىپنامە بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top