欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(玉某某危险驾驶一案)(公开版)

2021-09-25 尘埃 评论0

كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلەشنامىسى

ك ش ت ج ئەيىپلەش ( 2020 ) 640–نۇمۇرلۇق 

        جاۋاپكار  يۇXXX، ئەر، XXXX-يىل XX-ئاينىڭ XX-كۇنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: 6528011987XXXXXX ، ئۇيغۇر، سىياسى قىياپىتى ئامما،تۇلوق كوروس مەلوماتلىق، مۇقۇم خىزمەت ئورنى يۇق.نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭXXX شەھىرى XXXX ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك مەكتىپى پىڭفاڭ X-كورپۇس X-نۇمۇر، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى:شىنجاڭ X شەھىرى XXچوڭ يولىXXX ئولتۇراق رايۇنى Xبىنا X-كورپۇس XXX-ئىشىك. XXXX-يىلى  XX-ئاينىڭ XX-كۈنى  مەھكىمىز تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن . ھازىر ئائىلىسىدە .

     كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكارنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، XXXX-يىلى X-ئاينىڭ XX-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق . دىلو پاكىتىنى تۈۋەندىكىچە ئىنىقلىدۇق : 

               قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

       جاۋاپكار   يXXXX XXXX-يىلىX-ئاينىڭ X-كۈنى سائەت 2دىن 40مىنۇتلار ئوتكەندە، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە新M9J980  نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ،XXX شەھەر سۇ قايتۇرۇش يولى XXX ئولتۇراق رايۇنى ئالدى قىسىمىدىكى ماشىنا توختۇتۇش ئورنىدا  شەرقتىن-غەربكە قاراپ ياندۇرۇۋاتقاندا،جىياڭXXنىڭ ماشىنا توختۇتۇش ئورنىغا توختۇتۇپ قويغان 新MT6213 نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى سوققان، نەتىجىدە ئىككى قاتناش ۋاستىسىنىڭ بۇزۇلىشىدەك قاتناش ۋەقەسى سادىر بولغان. كورلا شەھەرلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتى XXXX-يىل XX-ئاينىڭ XX-كۇنى  (2019) 346268-نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسى چىقىرىپ ،مۇشۇ قېتىمقى قاتناش ۋەقەسىدە يۇXXX پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بىكىتكەن .

   شىنجاڭ خۇا تۇڭ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئورىنىڭ 2019)3257-نۇمۇرلوق ئەدلىيىلىك باھالاش پىكىرنامىسدا :  يXXنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرىت تەركىۋى ھەر 100 مىللىلىتىردا 153.88مىللىگىرام بۇلۇپ چىققان.

       جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى: يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاشنامە، ئېنىقلاش- تەكشۈرۈش سۆرەتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

       يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار ئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار يۈXXXXنىڭ قاتناش- ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسىنىڭ 1-مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا»جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى نىڭ« 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن،جاۋاپكارنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

                   ھۆرمەت بىلەن : 

                                   كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە          

                                           تەپتىش :خاسىيەت ئابدۇكېرىم 

                                                  2020-يىلى8-ئاينىڭ15-كۈنى  

           ئەسكەرتىش : 

   1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام،10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.  

   2) جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.

   3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتراپ قىلىش تىلخېتى  بىر نۇسخا

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top