شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۈ ش س ت ت 1- باشقارما [2019] يىللىق: 733- نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ي**، ئەر، **-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6501021968، ئۇيغۇر، پارتىيە ئەزاسى ،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،شەھەرلىك ** ئىدارىسى ** ساقچىسى، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى ** رايۇنى ** يولى **-نۇمۇر **-بىنا **-كورپۇس **-نۇمۇر، تۇتۇلىشتىن بۇرۇن شەھىرىمىزنىڭ ** رايۇنى ** يولى ** ئولتۇراق رايۇنى **-بىنا **-كورپۇس **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق. 2019-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايى قىلمىشىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارمىقى تىيانشان رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلنىغىچە ئائىلسىگە كېپىلگە بىرىلگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارمىقى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، جاۋابكار ي **نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايى دېلوسىنى 2019- يىلى 7- ئاينىڭ 3– كۈنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا بارلىق دەۋا ھوقوقى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىنكى كېلىپ چىقىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈردۇق، جاۋابكار تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپنى قوللىنىپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى.
مەزكۇر دېلو 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى دېلو بېجىرىش سۈرۈكى 1-قېتىم قانۇن بويچە 15 كۈن ئۇزارتىلدى، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى تەھقىقلىگۈچى ئورگاننىڭ تولۇقلاپ تەھقىقلىشىگە 1-قېتىم قايتۇرۇلدى، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى دېلو بىجىرىش سۈرۈكى 2- قېتىم ئۇزارتىلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ي** **-يىلى **- ئاينىڭ **-كۈنى سەھەر سائەت 02:03 مىنۇت ئۆتكەنلەردە، ھاراق ئىچىپ، مەسىت ھالەتتە A** 新نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىنى ھەيدەپ، ئۈرۈمچى شەھىرى **رايۇنى ** شىمالىي ** بازىسى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، قاتناش ساقچىلىرى تەرىپدىن تۇتۇلۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدە 161 مىللىگرام ئىسپىرت ماددىسىنىڭ بارلىقى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىت تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى:
(1) يازما ئىسپات: جاۋابكارنىڭ دېلوغا كېلىش جەريانى، سالاھىيەت ئىسپاتى، شوپۇرلۇق ئۇچۇرى، قېنىنى ئېلىپ تىزىملاش جەدىۋىلى، باھالاش پىكىرنامىسىنى ئۇقتۇرۇش قەغىزى؛
(2) باھالاشنامە: شىنجاڭ قاتناش پەن-تەتقىقات ئاكادىمىيىسى ئەدلىيىلىك تەكشۈرۈپ باھالاش مەركىزىنىڭ [2019]**-نومۇرلۇق ئەدلىيەلىك باھالاشنامىسى؛
(3) جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ؛
(4) سىن ماتېرىيالى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر؛
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار ي ** نىڭ دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماشىنا ھەيدىگەن قانۇنسىز قىلمىشىدىن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا جاۋابكارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمەڭلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: خۇرشىدە ئۆمەر
تەپتىش ياردەمچىسى: يۈسۈپجان جۈمە
2019-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى
ئەسكەرتىش:
(1) جاۋابكار ھازىر ئائىلسىدە كېپىلدە.(**)
(2) دېلو ماتېرىيالى ئىككى توپلام،تېز كېسىم چىقىرىش تەكلىپى، ئەيىبنامە، جازا ئۆلچەش تەكلىپى، بەش دانە سىن دېسكىسى قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.
(3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلشنامىسى بىر نۇسخا بىللە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论