欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(玉某某危险驾驶案公开版)_和静县人民检察院

2021-09-22 尘埃 评论0

和静县人民检察院 

起 诉 书

和静县检一部刑诉〔2021〕57号 

  خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپنامىسى

                        خېجىڭ تەپتىش بىرىنچى بۆلىمى جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش (2021) -نومۇرلۇق 

جاۋابكار ي**،ئەر،ئۇيغۇر،1983-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: ********6528271983،ئوتتۇرا تىخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،كەسپى:ئىشچى،خىزمەت ئورنى:** تاشيول باشقۇرۇش شۆبە ئىدارىسى،بۇرۇن جازالانمىغان،نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىنجاڭ **ناھىيە ** بازىرى** جەنۇبى يولى ** ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-كورپۇس **-ئۆي،2020-يىلى 07-ئاينىڭ 22-كۈنى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلنغۇچە كېپىلىكە بىرىلگەن،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ **ناھىيە ** بازىرى ** جەنۇبى يولى ** ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-كورپۇس **-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق،ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە.

جاۋابكار ي**نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش دىلوسىنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2021-يىلى 01-ئاينىڭ 29-كۈنى  مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن،جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى،دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى.دىجورنى ئاۋۇدۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكار بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ئىمزالاندى،جاۋابكار ي** مەزكۇر دىلودا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.

 قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:

 2020-يىلى 07-ئاينىڭ 05-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 01 لار ئەتراپىدا، ئۆيىدە ئولتۇرۇپ تېلىۋۇزور كۆرگەچ ھاراق ئىچكەن، ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ئۇخلاپ قالغان، تەخمىنەن سائەت 04 لەر ئەتراپىدا ئويغۇنۇپ كىتىپ دۇكانغا چىقىپ تاماكا ئېلىپ كىرىش ئۈچۈن چىقىپ تاكسى توسالماي قايتىپ كىرىپ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئۆزىنىڭ *****新M نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى يولوچىلار ئاپتۇموبىلىنى كۆرۈپ ھەيدەپ ماڭغان، مېڭىپ **ناھىيە شەرققە قايتىش يولى بىلەن** يولى كېسىشمە تۆت كوچا يول ئېغىزىغا كەلگەندە، خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى چارلاش ساقچى چوڭ ئەترىتى ساقچىللىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ قالغان.   

شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2020] ****-نومۇرلۇق زەھەر باھالاش باھالاشنامىسىدە جاۋابكار ي**نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان تەركىبىدە 133 مىللىگىرام ئىسپىرت مىقتارى بار دەپ بىكىتكەن.جاۋابكار ي** دىلو سادىر قىلغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان.

يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرسى،نەق مەيدان رەسىمى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى،دىلوغا مۇناسىۋەتلىك ئەدىلىيەلىك تەكشۈرۈپ باھالاش پىكىرنامىسى،يازما ئىسپات قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ،جاۋابكار ي** قاتناش بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش قانۇن نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى يولدا مەست ھالەتتە ھەيدىگەن،قىلمىشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇننىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ،جىنايى پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپات تولۇق،جاۋابكار ي**نىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.جاۋابكار ي** جىنايىتى تۇنۇپ،جىنايى جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ15-ماددسىىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ،شۇڭا ي**غا بىر ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى،قۇشۇمچە 2000 يۈەن جەرىمانە قۇيۇش جازاسى بىرىشىڭلارغا تەكلىپ بىرىمىز.جاۋابكار ي**نى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

                         ھۆرمەت بىلەن: 

                        خېجىڭ ناھىيىلىك  خەلق سوت مەھكىمىسىگە 

                                  تەپتىش : ئەخمەتجان روزى

                            2021-يىلى 02-ئاينىڭ 07-كۈنى 

قوشۇمچە :

1)جاۋابكار ي** ج  خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بېرىلگەن،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ **ناھىيە **بازىرى ** جەنۇبى يولى ** ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-كورپۇس **-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. ئالاقىلشش نۇمۇرى : ********152

2) دىلو ئارخىۋى بىر توپلام.

3)ئەيىپنامە سەككىز نۇسخا .

4)جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى بىر پارچە. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top