欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(玉某某危险驾驶案)(自然人犯罪案件)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-24 独角龙 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕41号 

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ        ئەيىبنامىسى

ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش-41 (2020) نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار ي ،XXئەر، ئۇيغۇر، 1984-يىلى 2-ئاينىڭ 16–كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى 65292719XXXXXXXX :ئۇچتۇرپان ناھىيە XX ئولتۇراق رايۇنى  -Xبىنا-X كۇرپۇس-XX نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇق كۇرىس مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يەككە تىجارەتچى، ئىلگىرى جازالانمىغان 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار يXXنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى دىلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرى ۋە جىنايىتنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلدۇق.

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

جاۋابكار ي XX2019-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى كىچە سائەت 1 دىن  3 كىچە، ئۈزنىىڭ ئۈيىدە ئا ،XXئا Xقاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئاق ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ئۈيىدە ئارام ئالغان. ئاندىن كەچ سائەت 22:00 ئەتىراپىدا ئولتۇراق رايۇن ئىچىگە توختتىپ قويغان  新NPXXXXنۇمۇرلۇق ئائىلە ماشىنىسىنى مەسىت (پىراۋىسى بار) ھەيدەپ، ئاچىسى پXXنى ئاقتۇقاي يېزا-X كەنىتكە ئەچىقىپ قۇيۇپ، قايتىپ كىلەشىدە تۇمۇشتاغ يول ئېغىزىغا كەلگەندە شۇ جايدىكى چارلاش ساقچىلىرى تەرپىدىن بايقالغان.

شىنجاڭ خواتوڭ قاتناش ھادىسسى بۇيۇملىرىنى ئەدىلىيىلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش يەكۈنىدە«يXXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرىتنىڭ مىقدارى 125.82 مىللىگىرام دەپ» يەكۈن چىقارغان. 

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ ئېلنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبكتىپ ھەم راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ، جاۋابكار ي XXمەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلقىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلدىغانلقىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار يXXنىڭ ھاراق ئىچىپ مەسىت ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، بۇ ھەقتە پاكىت ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، «جوڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىرىنجى مەزمۇن بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈشتۈرۈپ، جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، قاندىكى ئىسپىرىتىنىڭ مىقدارى، ھەيدىگەن مۇساپە ۋە يول بۈلىكى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جازا بىرىش، قۇشۇمچە ئىشتىراف قۇيۇش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى. 

مۇئاۋىن باش  تەپتىش: ئەكبەرجان ئابلەت

مۇۋەققەت تەپتىش: ياقۇپجان ئىمام

2020-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى

ئىزاھات:  (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلوسى يوللاندى.

               (2) جاۋابكار كاپالەتچىگە بېرىلگەن، ئالاقىلىشىش نومۇرى ********181 .    

        (3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسدىىن بىر نۇسقا يوللاندى .     

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top