شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 621 -نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋاپكار يXX ، ئەر،ئۇيغۇر،24 ياش ، كىملىك نومۇرى: XX 652901، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دىھقان ، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى،ئاقسۇ شەھەر X يېزا X-كەنىت X-گۇرۇپ X-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان.2019-يىلى08–ئاينىڭ 15-كۈنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئادەم كېپىلىكىگە بېرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2019-يىلى11-ئاينىڭ 19-كۈنى(2019) 969-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
2019–يىلى 08-ئاينىڭ 12–كۈنى سائەت 20:00 لەردە جاۋاپكار يXX ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاقسۇ شەھەر X يېزا X-كەنىت X-گۇرۇپتىكى ئۆيىگە توختۇتۇپ قويغان نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتىنى (پىراۋىسىز) مەس ھالەتتە ھەيدەپ ،2019-يىلى 08-ئاينىڭ 12-كۇنى سائەت 04:30لەردە ئاقسۇ شەھەر X يېزىسىغا كەلگەندە ، شۇ ئەتراپتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار كېلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا جاۋاپكار يXXنىڭ ھاراق ئىچىپ موتسىكىلىت ھەيدىگەنلىكىنى بايقاپ قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن، تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكار يXXنڭ 100 مىللىمىتر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 104.11 مىللىگىرام بۇلۇپ (mg/100ml104.11)مەس ھالەتتە موتسىكىلىت ھەيدىگەن.
2.2019-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 20:21لەردە جاۋاپكار يXX ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاقسۇ شەھەر قXX يېزا X رېستۇرانىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى ھەيدەپ (پىراۋىسىز ھالەتتە )ئاقسۇ شەھەر X يېزا X-كەنىت X-گورۇپ يول بۆلىكىگە كەلگەندە بىر ئۈچ چاقلىق موتوسىكىلىت بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەن ،شۇنىڭ بىلەن شۇ ئەتراپتا چارلاش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكار يXXنىڭ ھاراق ئىچىپ موتوسىكىلىت ھەيدىگەنلىكىنى بايقاپ قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن،تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكار يXXنىڭ 100مىللىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتارى 87.62مىللىگىرام بۇلۇپ 87.62 بۇلۇپ مەست ھالەتتە ھەيدىگەن .
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يول قاتناش ھادىسە ئېتراپنامىسىدە «ھXX بۇ ھادىسىدە ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ ،ئوXX بۇ ھادىسە قوشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ ،دXX بۇ ھادىسىدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ »دەپ بېكىتكەن .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ، ئېنىقلاش –تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىز جاۋاپكار ي XXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل –ئىسپاتى تولۇق ، خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك ،جاۋاپكار يۈXX جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل ،قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن ،شۇڭا جاۋاپكار ي XXغا 4ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قوشۇمچە 8000يۈەن شىتراف قويۇش جازاسى بېرىشكە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا تەكلىپ بېرىپ ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق .
تەپتىش : ئاXX
تەپتىش :جXX
2020-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى
ئىزاھات :
‹1جاۋابكار يXX كېپىلگە بېرىلگەن ،ھازىر ئائىلىسىدە ،تېلفۇن نۇمۇرى : XX188
2› 8 نۇسخا ئەيىبنامە،جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى ۋە بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论