乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检公诉刑诉〔2019〕3611号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2019) 3611-نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار يۈxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى xx، ئۇچتۇرپان ناھىيە xx بازىرى xx-كەنىت xx-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دىھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار يۈxxنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت
جاۋابكار يۈxx 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 21:30 ئەتىراپىدا مەxx بىلەن xx بازار ئىچىدىكى كەچلىك بازاردا بىر بوتۇلكا ئاق ھاراق ئىچىپ 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 00:00 ئەتراپىدا كەچلىك بازاردىن چىقىپ xx ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدىكى موتسىكلىت رېمنۇتخانىسىنىڭ يېنىغا توختىتىپ قويغان xx نۇمۇر تاختىسى ئېسىلغان xچاقلىق ماي موتسىكلىىتنىڭ ئارقىسىغا مەxxنى مىندۈرۈپ پىراۋىسىز ھەيدەپ مېڭىپ، 500 مىتىر ئەتراپىدا ماڭغاندىن كېيىن شۇ ئەتراپنى چارلاۋاتقان xx خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقالغان.
ئەدىلىيەلىك باھالاش پىكرىدە «يۈxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئالىكوگۇل مىقدارى 151.61 مىللىگىرام» دەپ بىكىتكەن.
جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار يۈxxنىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىگى ۋە قاتناش باشقۇرۇش تەرتىپىنىڭ دەخلى تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جاۋابكارغا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: ئىبرايىم مۇتەللىپ
پۈتۈكچى: ئابدۇرۇسۇل ۋېلى
2019-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلوسى يوللاندى.
(2) جاۋابكا كاپالەتچىگە بېرىلگەن، تېلىفۇن نۇمۇرى xx .
(3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسدىىن بىر نۇسقا يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论