شىنجاڭ شخۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلەشنامىسى
ش.ش.پ.(2019) چىقىش147–نومۇرلۇق
جاۋابكار ي** ،ئەر،ئۇيغۇر،19**-يىلى**-ئاينىڭ**-كۇنى تۇغۇلغان، تولۇقسىز ئۇتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇغان، كىملىك نۇمۇرى: 654** ، شىنجاڭ شخۇ شەھىرىدىن . (نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شخۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارسى **ساقچىخانىسى). ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى : شىخوشەھەرلىك ** ** ، كاسپسىز، بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان.
جاۋابكار ي** قاتناش ۋاستىسىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2018-يىلى 5-ئاينىڭ17- كۇنى شخۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرپىدىن كىپىلگە بىرىلگەن .
شىخۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بۇ دىلۇنىڭ تەھقىقلەشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ جاۋابكار ي** قاتناش ۋاستىسىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ قاراپ،2019–يىلى4–ئاينىڭ2–كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان . مەھكىمىمىز دىلۇ ماتىرياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ، جاۋابكار ي** قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى يەتكۈزۇدۇق،جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،شۇنداقلا دىلۇ ماتىرياللىرىنى ئۇمۇميۇزلۇك تەكشۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق جاۋابكار ي** جىنايەت پاكىتىنى تۇۋەندىكىدەك تۇراقلاندۇردۇق:
جاۋابكار ي**2018-يىلى5-ئاينىڭ1- كۈنى سائەت23ئەتىراپىدا،ھاراق ئىچىپ مەس ھالدا 新** نومورلۇق ‹بىيادى››ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلنى شىخو شەھەرلىك لەڭگەر مەھەلىسىدن ھەيدەپ شىخو شەھەرلىك 4-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تارماق مەكتىپىنىڭ ئالدىدىكى يول بۆلۈكىگە كەلگەندە، شىخو شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان چارلاش ساقچىللىرى تەرپىدىن تەكشۇرۇپ تۇتۇلغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭشىن ئەدىليلىك تىخنىكىلىق تەكشۇرۇپ باھالاش ماددى ئىسپات تەكشۇرۇش باھالاش پىكىرنىڭ [2018 ]2429 نومۇرلۇق نەتىجىسىدە: ي** ھەر 100mlقان تەركىبىدە mg 196 ئىسپىرت مىقدار باردەپ يەكۇن شىقارغان .
يۇقارقى جىنايەت پاكىتىنى : جاۋابكارنىڭ ئىقىرارى ،قان ئىلىش جەريانى،ئەدليلىك باھالاش يەكۇنى، ئۇقتۇرۇش خاتىرسى، قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋابكار ي** دولتىمىزنىڭ يول قاتىناش باشقۇرۇش قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ،مەس ھەلەتتە قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا1 دىكى بەلگىلىمىسگە خىلاپلىق قىلىپ قاتناش ۋاستىسىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللەندۇرگەن. دىلۇنىڭ پاكىتى ئىنىق ، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ، جاۋابكار ي** جىنايى قىلمىشىنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا1 دىكى بەلگىلىمىسى بويىچە سۈرۈشتۇرۇشكە تېگىشلىك دەپ قاراپ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە سوتىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق ، قانۇن بويىچە جازا بېرىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۇرمەت بىلەن:
شىخۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە.
تەپتىش : جەڭىسگۇل ماخمۇتجان قىزى.
2019–يىلى 4–ئاينىڭ26–كۈنى .
ئەسكەرتىش : 1. جاۋابكار ي** كىپىلگە بىرىلگەن.ئالاقىلشش تىلىفون نۇمۇرى :156**
2 . دىلۇ ماتىريالى 2 توپلام ، ئەيىپلەشنامە 8 پارچە ،جازا ئۇلچەش پىكىرى ، ئاددىي تەرتىپ قوللىنش قارارنامسى بىر پارچىدىن بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论