شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ
ئەيىبنامىسى
شايار ت ئە چىقىش (2020) 363-نومۇرلۇق
جاۋابكار يxx، ئەر، ئويغۇر، xx19-يىلى x-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمىرى: xxxxxxxxxx65292419، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئېگە، مۇقىم كەسپى يوق، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى xxبازىرى xx كوچىسى x-كوچا xx-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى شايار خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى ئۈچۈن شايار ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 3 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە 6000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ قېتىم 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايەت گۇمانى بىلەن شايار ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان. ھازىر شايار ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار يxxنىڭ ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ش ج خ چىقىش (2019) 370-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، دېلو بېجىرگۈچىلەر جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى، زىيانلانغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكار سوراق قىلىندى ۋە پىكىرى ئاڭلاپ ئۈتۈلدى .
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 1:00 لەر ئەتىراپىدا، جاۋابكار يxx دوسىتى ئاx بىلەن بىرگە «جىنشا» گۈللۈكى ئولتۇراق رايۇنى ئەتراپىدىكى «گوڭ لۇ» ھاراق دۇكىنىغا بېرىپ، ئىككسى بىرگە ھاراق ئىچىپ، ئاxx ئۆيىگە قايتىپ كەتكەن. جاۋابكار يxx ئۆزى يالغۇز شۇ جايدا داۋاملىق ھاراق ئىچىپ، «گوڭ لۇ» ھاراق دۇكىنىدىن قايتىپ چىقىپ، سائەت 7:08 لەر ئەتىراپىدا شايار ناھىيەلىك سودا سانائەت بانكىسىنىڭ يېنىدىكى «قىزىل يىڭناغۇچ» ئاياق دۇكىنىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، قۇلىدىكى بىخەتەرلىك قالپىقى بىلەن «قىزىل يىڭناغۇچ» ئاياق دۇكىنىنىڭ ئەينەك ئىشىكىنى ئۇرۇپ چىقىپ، دۇكان ئىچىگە كىرىپ، دۇكان ئىچىدىكى7525 يۈەن قىممىتىدىكى 32 جۈپ ئەرەنچە-ئايالچە ئاياق،769 يۈەن قىممىتىدىكى 2 دانە ئايالچە سومكا،288 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە پىدەي، 2250 يۈەن قىممىتىدىكى3 گورۇپ ئاياق جازىسى، 500 يۈەن قىممىتىدىكى ئالما5S ماركىلىق يانتېلىفۇن، 470 يۈەن قىممىتىدىكى توك زەرەتلىگۈچ، 495 يۈەن قىممىتىدىكى سۇ قايناتقۇچ، 840 يۈەن قىممىتىدىكى كومپىيۇتىر ئېكرانى، 3600 يۈەن قىممىتىدىكى ئەينەك ئىشىك، 100 يۈەن قىممىتىدىكى ئىككى پارچە مەرمەر تاش تاختا خىش، 500 يۈەن قىممىتىدىكى ئىككى قۇتا چاي، 150 يۈەن قىممىتىدىكى خىرۇستال لۇڭقا بۇلۇپ، جەمئى 17487 يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچىراتقان. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچىنىڭ 10832 يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلىكى ئەينەن ئەسلىگە كىلىپ، 6655 يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلۈكنىڭ زىيىنى ئەسلىگە كەلمىگەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى ۋە ئۈن-سىن ماتىرىيالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار يxxنىڭ جامائەت سۇرۇنىدا، باشقىلارنىڭ مال-مۈلۈكىنى خالىغانچە ۋەيران قىلىپ، جەمئىيەت تەرتىپنى بۇزغان بۇلۇپ، جاۋابكارنىڭ قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 293-ماددا 1-تارماق 3-تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋابكار قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق. جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ مۇقىملىقىنى قانۇن ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىپ تىنچ ۋە مۇقىم بولغان ئىجىتمائىي ۋەزىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 293-ماددا 1-تارماق 3-تارماقچىسى ، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە، جاۋابكار يxxنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار يxx جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى، شوڭا جاۋابكار يxxقا مۇددەتلىك بىر يىل ئۈچ ئاي سەككىز كۈن قاماق جازاسى بېرىش تەكلىپى بىلەن بىرگە ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا، 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيبلىدۇق. قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز .
ھۆرمەت بىلەن
شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论