شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020) 111-نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ي**، ئەر، ئويغۇر، **ياش، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 0019********652925، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، شوپۇر ، ت** ناھىيسىدىن ، ت** ناھىيە ت** بازار ك**ئولتۇراق رايۇنى **-بىنا **-كۇرپۇس ***- ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 03-ئاينىڭ27 -كۈنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
جاۋابكار ي**نىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 101–نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.
مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:
جاۋاپكار ي** 2020- يىلى 3-ئاينىڭ 23- كۈنى سائەت 23 ئەتراپىدا ، توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار مەنزىرە كۆل ئولتۇراق رايۇنىدىكى جانجىگەرلەر خوگوخانىسىدا خىزمەتدىشى ش** قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەندىن كىيىن دۇكاندىن چىقىپ ، 3-ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 3 ئەتراپىدا ، ئۈزى يالغۇز تاكسىغا ئولتۇرۇپ ، توقسۇ ناھىيە ئىناقلىق ئوتتۇرا يۇلى خەلىققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ يېنىدىكى توقسۇ ناھىيە ئىناقلىق ئوتتۇرا يۇلى خەلىققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ يېنىدىكى ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىغا كىلىپ، ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىغا توخۇتۇپ قويغان 21706 新N نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى مەس ھالەتتە پىراۋىلىق ھەيدەپ ، ئىناقلىق ئوتتۇرا يۇلىدا شەرىقتىن – غەرىپكە يۈنىلىش بۇيىچە يول يۈرۈپ ، توقسۇ بازار كۈنگەي ئولتۇراق رايۇنىنىڭ ئىچىگە كىرىپ 13- بىنانىڭ ئالدىغا كەلگەندە ، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى چارلاش ساقچى چوڭ ئەتىرتى ئىناقلىق ئوتتۇرا يۇلى خەلىققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ ساقچىللىرى ي** ھەيدىگەن ماشىننى تۇسۇپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، ي**نىڭ ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەنلىك قىلمىشىنى بايقاپ ، ي**نى توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان .
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020) 990-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدە ي**نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 139 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يوقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، ئېنىقلاش – تەكشۈرۈش خاتىرسى ، باھالاشنامە ، ئۈن – سىن ماتىريالى ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل -ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ . جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.
مەھكىممىز، جاۋابكار ي**نىڭ قىلمىشىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەككىللىندۇ . جاۋابكار ي**نىڭ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسىدىكى بەلگىلمىسى بۇيىچە، جىنايەت بىكىتىپ جازا بىرىشكە تېگىشلىك، جاۋاپكارغا 2 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى قۇشۇمچە 4000يۈەن ئىشتىراپ قۇيۇش جازاسى بىرىش توغرىسىدا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى بىرىمىز، شوڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : مۇنىرە ئېلى
تەپتىش : ئەمەر ئەمەت
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى
قۇشۇمچە : ① جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە . ② 2 توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى .③ 8 پارچە ئەيىپلەشنامە ، جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى ، 1 دانە پىلاستىنكا دىلو بىلەن بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论