شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020) 92-نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ي**، ئەر، ئويغۇر، ** ياش، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 1536********652925، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان، ت** ناھىيسىدىن ، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى : ت**ناھىيە ت**يېزا ئا** كەنت **-گوروپ ***-نۇمۇر، ھازىر ت** ناھىيە تا** بازار ج** ئا** پونكىتى ئا** قوروسىدا ئولتۇرۇشلۇق ، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 03-ئاينىڭ24-كۈنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
جاۋابكار ي**نىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 97–نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.
مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:
جاۋاپكار ي**2020-يىل 03-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەر سائەت 03:00 ئەتىراپىدا ، توقسۇ ناھىيە تاشئېرىق بازار جىنتەي ئاشلىق پونكىتىنىڭ ئاھالىلەر قوروسىدىكى ئۆيىدە ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىپ ئارام ئالغاندىن كىيىن ، سائەت 15:00 ئەتىراپىدا، ھويلىسىنىڭ ئالدىغا توختتۇپ قويغان 新N6505K نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى مەس ھالەتتە پىراۋىلىق ھەيدەپ، تاشئېرىق بازار ئاقتىكەن كەنتكە بېرىپ تۇققانلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، سائەت 18:00 ئەتراپىدا ماشىنىسىغا پەرھات ئېلىنى چىقىرىپ ، تامتوغراق يېزىسىغا بېرىپ ئىنىسى ئا**بىلەن م**نى ئېلىپ ، تاشئېرىق بازار ئاقتىكەن كەنتىگە قايتىش ئۈچۈن مېڭىپ ، ماشىننى بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەپ ، تامتوغراق يېزا تامتوغراق كەنت يول بۆلىكىدە شەرقتىن غەربكە يۆنىلىش بويىچەيول يۈرۈپ، تامتوغراق كەنت 1-گوروپ تەۋەسىگە كەلگەندە، ق** يولنىڭ ئوڭ تەرەپ ياقىسىغا توختتۇپ قويغان يىنىڭ تىپلىق رېشاتكىلىق يۈك ماشىنىسىنىڭ ئارقىسىغا سۇقۇلغان . ھادىسىدىن كىيىن ق** 110 قوماندانلىق مەركىزىگە دىلو مەلۇم قىلغان. توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى ھادىسە نەق مەيدانىغا بېرىپ نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، ي**نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسنى ھاراق ئىچىپ ھەيدىگەنلىك قىلمىشىنى بايقاپ ، ي**نى توقسۇ ناھىيە تامتوغراق يېزىلىق شىپاخانىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020) 821-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدە؛ ي**نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 133 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020)272-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدا : 1. 新-N6505K نۇمۇرلۇق ئاپتۇمبىل بىلەن 新N-B7M83 نۇمۇرلۇق ئاپتۇمبىلنىڭ سوقۇلۇش ئۇچرىشىش نۇقتىسىنىڭ ئاپتوموبىل جەنۇب ـ شىمال يۆنىلىشىدىكى ئورنى نەق مەيداندىكى يول مەركىزى لىنىيەسىنىڭ شىمالىدىكى ئاپتوموبىل يولىغا جايلاشقان، شەرق ـ غەرب يۆنىلىشىدىكى ئورنى نەق مەيداندىكى يول يۈزىدە قالدۇرۇلغان新-N6505K نۇمۇرلۇق ئاپتوموبىلنىڭ ئوڭ ـ سول چاق ئىزى بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئەتراپىدىن چىقىدۇ. 2. 新N-B7M83 نۇمۇرلۇق ماشىنا ۋەقە سادىر قىلغاندا يۈرۈشتىن توختاش ھالىتىدە 3. 新-N6505K نۇمۇرلۇق ماشىننىڭ ھادىسە يۈز بەرگەندىكى سۈرئىتى 106 كىلومىتىر / سائەت دەپ باھالىغان .
توقسۇ ناھىيلىك قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ 652925202003055- نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى ئىتراپنامىسىدا : ي** تۇلۇق مەسئۇليەت جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ، ق**نىڭ مەسئۇليەت جاۋاپكارلىقى يوق دەپ بېكىتكەن .
يوقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، گۇۋاچىنىڭ گۇۋالىقى ، ئېنىقلاش – تەكشۈرۈش خاتىرسى ، باھالاشنامە ، ئۈن – سىن ماتىريالى ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل -ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ . جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.
مەھكىممىز، جاۋابكار ي**نىڭ قىلمىشىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەككىللىندۇ . جاۋابكار ي**غا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسىدىكى بەلگىلمىسى بۇيىچە، جىنايەت بىكىتىپ جازا بىرىشكە تېگىشلىك، جاۋاپكارغا 4 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى قۇشۇمچە 8000يۈەن ئىشتىراپ قۇيۇش جازاسى بىرىش توغرىسىدا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى بىرىمىز، شوڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : مۇنىرە ئېلى
تەپتىش : ئەمەر ئەمەت
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى
قۇشۇمچە : ① جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە . ② 2 توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى .③ 8 پارچە ئەيىپلەشنامە ، جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى ، 1 دانە پىلاستىنكا دىلو بىلەن بىرگە يوللاندى ④ دىلونىڭ ھەق – تەلەپ قىسىمىدا تەرەپلەر كىلىشىپ تۈگەشكەن .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论