شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020) 57-نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ي**، ئەر، ئويغۇر،*ياش،19**-يىلى*- ئاينىڭ *-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى151+********:652925،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،دېھقان، توقسۇ ناھىيىسىدىن، توقسۇ ناھىيە ت**يېزا ت** كەنىت*-گۇرۇپ75-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى12-ئاينىڭ 30-كۈنى توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىرتەرەپ قلىنغىچە كاپالەتچگە بېرىلگەن.
بۇ دېلونى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار ي** ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ (2020) 57-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:
جاۋابكار ي** 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 23:00 ئۆتكەن ئەتىراپتا، توقسۇ ناھىيە تاشېرىق يېزا قتاشېرىق كەنىت 3-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق م**نىڭ ئويىدە قۇربان مىجىت قاتارلىقلار بىلەن ئولتۇرۇپ ئۇچ پوتۇلكا پىۋە ئىچىپ بولغاندىن كېيىن،12-ئاينىڭ 13-كۇنى سائەت 1:00 ئوتكەن ئەتراپتا تاناكا ئېلىپ كىلىش ئۇچۇن م**نىڭ ئوينىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان 新N6833p نۇمۇرلۇق ماشىنىسىغا ق**نى ئولتۇرغۇزۇپ ھەيدەپ تاشېرىق يېزا جىنتەي ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ يېنىدىكى دۇكانغا بېرىپ تاماكا ئېلىپ بولغاندىن كېيىن،دۇكاننىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان新N6833p نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى ئارقىغا ياندۇرۇش جەريانىدا يېنىغا توختۇتۇپ قۇيۇلغان ماشىنا بىلەن سۇركۇلۇپ كەتكەن،يېقىن ئەتراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى چارلاش ساقچى چوڭ ئەترىتى كۇنگەي خەلىققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ ساقچىللىرى نەق مەيدانغا كىلىپ 新N6833p نۇمۇرلۇق ماشىننى تەكشۈرۈش جەريانىدا، جاۋاپكار ي**نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھاراق ئىچىپ ھەيدىگەنلىك قىلمىشىنى بايقاپ،توقسۇ ناھىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) 9553-نۇمۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىدە: يۇ**نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 190 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات،گۇۋاچىنىڭ گۇۋالىقى، باھالاشنامە، ئۈن-سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.
مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار ي**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ . جاۋاپكار ي**غا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا4 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 8000 مىڭ يۈەن شىتراف قۇيۇش تەكلىۋىنى بىرىمىز . شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
تەپتىش : گۇلەم تاش
تەپتىش: مۇنىرە ئېلى
2020-يىلى3-ئاينىڭ 23-كۈنى
قۇشۇمچە :
1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 2› دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام. 3› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى، بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论