乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕563号
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) -نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار يۈxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى xx. ئاۋات ناھىيەسىدىن، ئاۋات ناھىيە xx يېزا xx-كەنىت xx-مەھەللە xx-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسگە ئىگە، xx كەسپى تېخنىكا ئىنىستوتى xx فاكۇلتىتىنىڭ ئۇقۇغۇچىسى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن ئالدامچىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى مەجبۇرلاش تەدبىرى ئۆزگەرتىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن،
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار يۈxxنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى، زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھۇقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار يۈxx xx كەسپى تېخنىكا ئىنىستوتى xx فاكولتىتىدا پىراكتىكا قىلىۋاتقان مەزگىلىدە قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئىرىشىش مەقسىتىدە 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 12–كۈنىدىن 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگچە بولغان ئارلىقتا ئۆزىنىڭ wwxx نومۇرلۇق ۋە xxنومۇرلۇق ئۈندىدارى ئارقىلىق ھەر قايسى ئۈندىدار توپلىرىغا، ئۈندىدار سالۇنىغا ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە «1000.00 يۈەندىن 100000.00 يۈەنگىچە قەرىز بىجىرىمەن، ئىناۋەتلىك كارتا بىجىرىمەن، قەرىز بىجىردىغانلار مېنى ئايرىم قوشۇڭلار، قەرىز بىجىرگۈچىلەر رەسمىيەت ھەققىنى ئالدىن تاپشۇرىدۇ...» دېگەن مەزمۇندا ئېلان چىقىرىش ئارقىلىق، باشقىلارنى ئۈزىگە قىزىقتۇرۇپ، 7 قېتىمدا زىيانلانغۇچى موxx (ئۇچتۇرپان ناھىيە xx يېزا xx-كەنىت xx-مەھەللدە ئولتۇرۇشلۇق) نىڭ 800 يۈەن، زىيانلانغۇچى رۇxx (ئونسۇ ناھىيە xx يېزا تۆۋەنكى xx كەنىت xx-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق) نىڭ 863.00 يۈەن، زىيانلانغۇچى تۇxx (ئونسۇ ناھىيە xx يېزا xx كەنىت xx-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق) نىڭ 280 يۈەن، زىيانلانغۇچى تۇxx (باي ناھىيە xx يېزا xx مەھەللە xx-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق) نىڭ 450 يۈەن، زىيانلانغۇچى مەxx (ئاۋات ناھيە xx بازار xx كەنىت xx-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق) نىڭ 500 يۈەن، زىيانلانغۇچى مۇxx (ئاتۇش شەھىرى xx ئاتۇش بازار xxكەنىت شىمالى دەريا يولى xx-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق) نىڭ 950 يۈەن، زىيانلانغۇچى ئاxx (قەشقەر شەھىرى xx بازار xx-كەنىت xx-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق) نىڭ 400 يۈەن بۇلۇپ، جەمئى 4243 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچى موxx ، رۇxx، تۇxx، مەxx، مۇxx، ئاxx قاتارلىق 6 نەپەر ئادەمنىڭ 3793 يۈەن زىيىنى ئەسلىگە كەلگەن، زىيانلانغۇچى تۇxxنىڭ 450.00 يۈەن زىيىنى ئەسلىگە كەلمىگەن.
يۇقارقى پاكىتلار ماددى ئىسپات، يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېلكتىرونلۇق ماددى ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار يۈxx مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار يۈxxنىڭ قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئىرىشىش مەقسىتىدە يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىرىپ باشقىلارنىڭ مال-مۈلۈكىنى ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددىسىدىكى ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىلشىك. جاۋابكارغا جىنايى جازا ئۆلچىگەندە جاۋابكارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، ئالدامچىلىق سوممىسىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن ئىكەنلىگى، جىنايىتىنىڭ جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى، زىيىنى ۋە خەۋىپى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن
پۈتۈكچى: ئالىمجان ئىمامنىياز
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىپنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە، تىلفۇن نۇمۇرى:
(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.
(4) ماددى ئىسپات يان تىلفۇن دېلو بىلەن قۇشۇپ ئۆتكۈزۈپ بىرىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论