欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(玉某某盗窃案)

2021-09-20 独角龙 评论0

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

  

                      ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش ( 2020)  108-نۇمۇرلۇق

       ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

     جاۋاپكار  يۈ،XXئەر،  ئۇيغۇر، 30ياش، كىملىك نۇمۇرى:  XXXXXXXX6529011989  ، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، توختۇتۇلۇشتىن بۇرۇنقى ئولتۇرقى: ئاقسۇ شەھىرى XX  مەھەللىسى  XX-رايۇن XX-گورۇپ XX-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى گەنسۇ ئۆلكىسى گەنسۇ شەھىرى XX رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بۇيىچە مۇدەتلىك ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلنىپ 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى جازا مۇدىتتى تۇشۇپ قويۇپ بىرىلگەن. 2019- يىلى  -10ئاينىڭ-3 كۈنى ئوغۇرلۇق  جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇلۇپ قويۇلۇپ 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى مەھكىممىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان.

  ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى1-ئاينىڭ1-كۈنى(2019)1657-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى  

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

     جاۋاپكار  يۈXX ئوغۇرلۇق قىلىش مەخسىتىدە 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 10دىن 13لەر ئەتىراپىدا ئاقسۇ شەھەر XX يۇلى بىلەن XX كۆۋرۈك سۇدا شەھەرچىسگە كىرىش يۇلىنىڭ كىسىشىش ئېغىزدا ئاستا سۈرئەتتە توكسىكلىت مىنىپ كىتۋاتقان زىيانلانغۇچى جاۋ نانىڭ ئارقىسغا چۈشۈپ دىققەتسىزلىكدىن پايدىلنىپ چاپىننىڭ ئوڭ يانچۇقىدىكى قارا رەڭلىك iPhoneX  ماركىلىق 4542يۈەن قىمتىدىكى يان تىلفۇننى ئوغۇرلاپ كەتكەن . دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى ، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ،ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ . 

مەھكىمىمىز جاۋاپكار يۈXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل –ئىسپاتى تولۇق ،ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا،65-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق .

                          تەپتىش : جۈرئەت ئابلەت

     تەپتىش :ئايجامال ئابدۇراخمان

                 2020-يىلى 3-ئاينىڭ  11-كۈنى

ئىزاھات : 

‹1جاۋابكار يۈXX ھازىر ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .

2› 8 نۇسخا ئەيىبنامە، ۋە بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top