欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(玉某某诈骗案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-19 独角龙 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕427号 

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئۇ ن ت ئەيىپنامە چىقىش (2020)  427 -نۇمۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار يXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى XX65292719. ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن، قاملىشتىن ئىلگىرى ئۇچتۇرپان ناھىيە X يېزا X-كەنت X-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن توختۇتۇپ قويۇلغان، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان. 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار يXXنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. 

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت

جاۋابكار يXX قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئېرىشىش مەقسىتىدە 2019-يىلى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا ئۆزىنىڭ XX نومۇرلۇق ئۈندىدارى بىلەن ئۈندىدار توپى ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە «ئۈسۈمسىز قەرىز بىجىرمەن» دەپ ساختا ئۇچۇر تارقىتىپ ئۈندىداردا ئالاقىلىشىپ باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، «ئۆسۈمسىز قەرزى پۇل بىجىرىش ئۈچۈن رەسمىيەت ھەققى كېتىدۇ» دەپ باشقىلارنى ئالداپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى زىيلانلانغۇچى ئاXXتىن 10 مىڭ يۈەن ئۆسۈمسىز قەرزى پۇلنىڭ رەسمىيەت ھەققى دەپ 3662 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى زىيلانلانغۇچى ئەXXتىن 25 مىڭ يۈەن ئۆسۈمسىز قەرزى پۇلنىڭ رەسمىيەت ھەققى دەپ، 3662 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى زىيانلانغۇچى جXXدىن 50 مىڭ يۈەن ئۆسۈمسىز قەرزى پۇلنىڭ رەسمىيەت ھەققى دەپ، 4000 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى زىيانلانغۇچى ئەXXدىن 2000 يۈەن ئۆسۈمسىز قەرزى پۇلنىڭ رەسمىيەت ھەققى دەپ، 400 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.    

دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىياننى تۆلىمىگەن. 

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار يXXنىڭ يالغاندىن پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىرىپ باشقىلارنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولغان، بۇ ھەقتە دىلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كىرەك، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: ئىبرايىم مۇتەللىپ

پۈتۈكچى : ئابدۇرۇسۇل ۋېلى

2020-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى

ئىزاھات: (1) 12 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلوسى، جىنايىتى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخىدىن يوللاندى.

(2)جاۋابكار ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.  

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top