ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۈ ت ت 1-ب ج ئە﹝2020﹞158–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار يۈ****، ئەر، ئۇيغۇر، 1983-يىلى *-ئاينىڭ *-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6501021983، مەخسۇس كۇرس مەلۇماتلىق، مۇقىم كەسپى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ۋە دائىم ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى *** رايۇنى *** جەنۇبى كوچىسى **-نۇمۇرلۇق قورۇ *-بىنا *-كۇرپۇس ***-ئۆي. زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن تۇرالغۇ جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى مەجبۇرلاش تەدبىرى ئۆزگەرتىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.
جاۋابكار مە****، ئەر، ئۇيغۇر، 1999-يىلى *-ئاينىڭ *-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6531211999، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، مۇقىم كەسپى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى *** يىزىسى **** كەنتى *-گۇرۇپ ***-نۇمۇر. دائىم ئولتۇرۇشلۇق ئادىرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى *** رايۇنى *** جەنۇبى كوچىسى **-نۇمۇرلۇق قورۇ *-بىنا *-كۇرپۇس ***-ئۆي. زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلغان. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى مەھكىمىمىز زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، شۇ ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار يۈ****، مە****لارنىڭ زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 3–ئاينىڭ 23-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارلارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارلارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. ئارىلىقتا، دېلونىڭ مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپاتلىرىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى ۋە 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىككى قېتىم تەھقىقلىگۈچى ئورگاننىڭ تولۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇردۇق، دېلونىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش سۈرىكىنى قانۇن بويىچە بىر قېتىم ئۇزارتتۇق(2020-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە).
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
1. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 16:00 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار يۈ**** شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايۇنى *** جەنۇبى كوچىسى **-نۇمۇرلۇق قورۇ *-بىنا *-كۇرپۇس ئىچىدە، ئاق رەڭلىك سۇلياۋغا ئورالغان ساپ ئېغىرلىقى 0.437 گىرام بولغان بىر كىچىك بولاق يىشىل رەڭلىك ئۇششاق يۇپۇرماقسىمان بويۇمنى زەھەرلىك بويۇم ناتاشا دەپ قاراپ، جاۋابكار مە****غا 100 يۈەنگە سېتىپ بەرگەن. شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 17 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار مە**** شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايۇنى *** جەنۇبى كوچىسى **-نۇمۇرلۇق قورۇ ئالدىدا، جاۋابكار يۈ****تىن سېتىۋالغان يۇقارقى بىر كىچىك بولاق يىشىل رەڭلىك ئۇششاق يۇپۇرماقسىمان بويۇمنى زەھەرلىك بويۇم ناتاشا دەپ قاراپ، زەھەرلىك بويۇم سېتىۋالغۇچى ئە****گە 150 يۈەنگە سېتىپ بەرگەن ۋە پۇلنى ئۈندىدار ئارقىلىق تاپشۇرۇپ ئالغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بويۇملارنى تەكشۈرۈپ باھالاش مەركىزى جاۋابكار يۈ****، مە****لار ساتقان، ساپ ئېغىرلىقى 0.437 گىرام بولغان بىر كىچىك بولاق يىشىل رەڭلىك ئۇششاق يوپۇرماقسىمان بويۇمنىڭ تەركىبىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تەركىبىدە AMB-FUBINACA، ADB-FUBINACA، 5F-ADB تەركىبىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن.
2. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچ سائەت 20:00 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار يۈ**** شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايۇنى *** جەنۇبى كوچىسى **-نۇمۇرلۇق قورۇ *-بىنا *-كۇرپۇس ئىچىدە، ئاق رەڭلىك سۇلياۋغا ئورالغان ئىككى كىچىك بولاق يىشىل رەڭلىك ئۇششاق يۇپۇرماقسىمان بويۇمنى زەھەرلىك بويۇم ناتاشا دەپ قاراپ، جاۋابكار مە****غا 200 يۈەنگە سېتىپ بەرگەن. شۇ كۈنى كەچ سائەت 20:10 لار ئەتراپىدا، جاۋابكار مەم**** جاۋابكار يۈ****تىن سېتىۋالغان يۇقارقى ئىككى كىچىك بولاق يىشىل رەڭلىك ئۇششاق يۇپۇرماقسىمان بويۇمنىڭ ئىچىدىكى بىر بولاقنى ئىككى كىچىك بولاققا بۆلۈپ قاچىلىغاندىن كىيىن(ساپ ئېغىرلىقى 0.201 گىرام ۋە 0.348 گىرام)، بۇ ئىككى كىچىك بولاق يىشىل رەڭلىك ئۇششاق يۇپۇرماقسىمان بويۇمنى زەھەرلىك بويۇم ناتاشا دەپ قاراپ، زەھەرلىك بويۇم سېتىۋالغۇچى ئا***كە 150 يۈەن نەق پۇلغا سېتىپ بەرگەن. ساپ ئېغىرلىقى 0.463 گىرام بولغان يەنە بىر كىچىك بولاق يىشىل رەڭلىك ئۇششاق يۇپۇرماقسىمان بويۇمنى زەھەرلىك بويۇم ناتاشا دەپ قاراپ، زەھەرلىك بويۇم سېتىۋالغۇچى ئار***غا 150 يۈەن نەق پۇلغا سېتىپ بەرگەندىن كىيىن، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بويۇملارنى تەكشۈرۈپ باھالاش مەركىزى جاۋابكار يۈ****، مە****لار ساتقان، ساپ ئېغىرلىقى ئايرىم–ئايرىم ھالدا 0.201 گىرام، 0.348 گىرام، 0.463 گىرام بولغان ئۈچ كىچىك بولاق يىشىل رەڭلىك ئۇششاق يوپۇرماقسىمان بويۇمنىڭ تەركىبىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تەركىبىدە بىردەك AMB-FUBINACA، ADB-FUBINACA، 5F-ADB تەركىبىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن.
جاۋابكار يۈ**** 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچ سائەت 20 لەر ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنى *** جەنۇبى كوچىسى **-نۇمۇرلۇق قورۇ ئىچىدە تەھقىقلىگۈچى ئورگان تەرىپىدىن تۇتۇلغان. جاۋابكار يۈ**** تۇتۇلغاندىن كىيىن، تەھقىقلىگۈچى ئورگان يۈ****نىڭ يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشى ۋە ماسلىشىشى ئاستىدا، بىر قېتىملىق زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش دېلوسىنى پاش قىلغان.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات: جاۋابكار يۈ****، مە****لارنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، دېلوغا كىلىش(تۇتۇلۇش) جەريانى ئىسپاتى، ئۈندىدار سۆزلىشىش خاتىرىسى ۋە پۇل ئاغدۇرۇش خاتىرىسىنىڭ كەسمە سۆرىتى قاتارلىقلار؛
2. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى: گۇۋاھچى ئە***، ئا***، ئار***دىن ئېلىنغان گەپ سوراش خاتىرىسى ۋە تونۇتۇش خاتىرىسى؛
3. جاۋابكار يۈ****، مە****لارنىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
4. دېلوغا چېتىشلىق ماددى ئىسپات(گۇمانلىق زەھەرلىك بويۇم)نى ئاختۇرۇش، تۇتۇپ قېلىش، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش، ئەۋرىشكە ئېلىش خاتىرىسى؛
5. باھالاش پىكرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بويۇملارنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش مەركىزىنىڭ دېلوغا چېتىشلىق زەھەرلىك بويۇمنىڭ تەركىبىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى؛
6. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: دېلوغا چېتىشلىق ماددى ئىسپاتلارنى تۇتۇپ قېلىش تىزىملىكى، تەھقىقلىگۈچى ئورگان تەمىنلىگەن چۈشەنچە ئىسپاتى، جاۋابكار يۈ****نىڭ خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئىسپات قاتارلىقلار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار قانۇنلۇق توپلانغان، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار يۈ****، مە****لارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا نىسپەتەن باشقىچە پىكرى يوق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار يۈ****، مە****لارنىڭ پايدا تېپىش مەقسىتىدە، باشقىلارغا تۆت كىچىك بولاق يىشىل رەڭلىك ئۇششاق يوپۇرماقسىمان بويۇمنى زەھەرلىك بويۇم ‹ناتاشا› دەپ قاراپ ساتقان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347–ماددىسىنىڭ 1-، 4-تارمىقى ۋە 23-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى(ئەمەلگە ئاشمىغان) بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار يۈ**** تۇتۇلغاندىن كىيىن تەھقىقلىگۈچى ئورگانغا باشقىلارنىڭ جىنايى قىلمىشى توغرىسىدىكى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن ۋە دېلو پاش قىلىشقا ماسلىشىپ خىزمەت كۆرسەتكەن بولۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 68-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە يىنىك جازا بېرىشكە بولىدۇ. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن
تەپتىش ياردەمچىسى: سەمىجان سەمەت
2020–يىلى 9–ئاينىڭ 2–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋابكار مە**** ئۈرۈمچى شەھەرلىك 2-قاماقخانىدا قاماقتا؛ جاۋابكار يۈ**** بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن، ئالاقىلىشىش نۇمۇرى: ******18703؛
2. مەھكىمىمىزنىڭ 13 نۇسخا ئەيىبنامىسى ۋە تەھقىقلەش دىلو ماتىرىيالى 4 توپلام بىرگە يوللاندى.
3. جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتىدىن ئىككى نۇسخا(ئەسلى نۇسخىسى)، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش پىكىرنامىسىدىن بىر نۇسخا ۋە جازا ئۆلچەش تەكلىبىدىن ئىككى نۇسخا بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论