شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۈ ش ت ئە 〔2019〕 167-نۇمۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ھۈسىيىنجان ئۇبۇل، ئەر، ئۇيغۇر، 1982-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6531221982، نوپوسى تۇرۇشلۇق ئادرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى يېزا ئىگىلىك داشۆسى شەرقىي يولى **-نۇمۇر **-رايون **-بىنا **-ئىشىك **-نومۇر، تولۇق كۇرۇس مەلۇماتلىق. 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن توختىتىلىپ، 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. ئەتىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ھۈسىيىنجان ئۇبۇلنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى دېلوسىنى مەھكىمىمىز باشقۇرۇش تەۋەلىكى بويىچە، 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى قوبۇل قىلىپ، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ، جاۋابكاردىن سوئال سوراپ، ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق. بۇ جەرياندا، ئىككى قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇپ، ئۈچ قېتىم تەكشۈرۈپ ئەيىپلەش سۈرىكىنى ئۇزارتتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2015-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە، جاۋابكار ھۈسىيىنجان ئۇبۇل شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك داشۆسىنىڭ يىمەكلىك، ئۈسكىنىلىرىنى تەمىنلەش تۈرىنى ئالغانلىق توغرىسىدا يالغان سۆزلەش، ساختا توختام ياساپ تەمىنلەش، قىسقا مۇددەت ئىچىدە كۆپ پايدا بېرىپ قىزىقتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىلگىرى-كىيىن بۇلۇپ، زىيانلانغۇچى ئى**تىن بەش مىليون 659 مىڭ 400 يۈەن، مە**دىن تۆت مىليون 20 مىڭ يۈەن، ك**دىن ئىككى مىليون 240 مىڭ يۈەن، ما**دىن ئىككى مىليون 52 مىڭ يۈەن، ئا**دىن بىر مىليون 500 مىڭ يۈەن، كې**دىن بىر مىليون 58 مىڭ يۈەن، ئا**تىن 948 مىڭ يۈەن، ئا**تىن 894 مىڭ يۈەن، ق ** دىن 850 مىڭ يۈەن، مۇ**تىن 700 مىڭ يۈەن، را**دىن 500 مىڭ يۈەن، تو**دىن 450 مىڭ يۈەن، قۇ**دىن 380 مىڭ يۈەن، ئى**تىن 230 مىڭ يۈەن، مە**دىن 200 مىڭ يۈەن، مە**دىن 185 مىڭ يۈەن، مە**دىن 108 مىڭ يۈەن، خا**دىن 100 مىڭ يۈەن، ئە**دىن 60 مىڭ يۈەن، ئا**تىن 60 مىڭ يۈەن جەمئىي 22 مىليون 194 مىڭ 400 يۈەننى ئالداپ ئېلىۋىلىپ، ھازىرغىچە قايتۇرۇپ بەرمىگەن.
يۇقارقى پاكىتنى:
1. زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى؛
2. يازما ئىسپات؛
3. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى؛
4. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى؛
5. ئۈن-سىن ماتېرىيالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز، جاۋابكار ھۈسىيىنجان ئۇبۇلنىڭ دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، باشقىلارنى ئالداپ، پۇلىنى ئېلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راست ھەم تولۇق، ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشقا تېگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن مەھكىمەڭلەرگە ئەيىبلىدۇق. مەھكىمەڭلارنىڭ قانۇن بويىچە جازا ھۆكۈم قىلىشىنى سورايمىز.
تەپتىش: دىلمۇرات ئابدۇروسۇل
مۇۋەققەت تەپتىش: رەنا ھاجى
2019-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
ئىلاۋە:
1. جاۋابكار ھۈسىيىنجان ئۇبۇل ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقلىق.
2.مەزكۇر دېلونىڭ دېلو ماتىرىيالى سەككىز توپلام، ئۈن-سىن ماتېرىيالى ۋە ئېلىكترونلۇق دەلىل-ئىسپاتلار تۆت دانە ئوپتىك دېسكا، مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىبنامىسى 10 نۇسخا بىرگە قوشۇپ يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论