شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۇلۇم ئەيىپلەش (2020) 251-نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار م**، ئايال، ئۇيغۇر، **ياش (**-يىلى**–ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان) كىملىك نومۇرى : 0726 **652925، دېھقان، ماسسا، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، شىنجاڭ ** ناھىيسىدىن، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادىرسى: ** ناھىيە ** يېزا ** كەنت **-گوروپ **-نومۇر، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئادىرسى: ** ناھىيە ** يېزا ** كەنت **-گوروپ **-نومۇر، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.
جاۋاپكار م**نىڭ ئوغورلۇق جىنايەت دېلوسىنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ (2020) 123-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۈجۈرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدۇق:
جاۋاپكار م** 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان تۇرمۇش لازىمەتلىكى ھەم دورا سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتىنى مىنىپ توقسۇ ناھىيە پەيشەنبازار يېزا نۇرباغ كەنت 1-گوروپ 26-نومۇرلۇق ئۆيىدىن توقسۇ بازىرىغا كەلگەندىن كېيىن، توقسۇ بازار جوڭيى تىبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ يان تەرىپىدىكى توكسىكىلىت توختىتىدىغان ئورۇنغا ئۆزىنىڭ توكسىكىلىتىنى توختىتىپ بولۇپ، توكسىكىلىت توختىتىپ قويغان ئورۇندىكى يەنە بىرتال توكسىكلىتنىڭ سېۋىتىگە سېلىپ قۇلۇپلاپ قۇيۇلغان بىردانە قىزىل رەڭلىك ئايالچە مايكا بىلەن بىردانە قارا رەڭلىك ئايالچە سومكىنى كۆرۈپ، ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە توكسىكىلىتنىڭ يېنىغا بارغاندىن كېيىن توكسىكىلىت سېۋىتىنىڭ ئارلىقىدىن قۇلىنى تىقىپ بىردانە قىزىل رەڭلىك ئايالچە مايكا بىلەن بىر دانە قارا رەڭلىك ئايالچە سومكا (سومكا ئىچىدە قىممىتى 7651يۈەن بولغان 21.65گىرام ئېغىرلىقتىكى "بىردانە ئالتۇن زەنجىر، بىرجۈپ ئالتۇن ھالقا"، بىردانە كىملىك، ئىككى دانە بانكا كارتىسى، 105يۈەن نەق پۇل بار)نى ئوغۇرلاپ ئالغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ توقسۇ ناھىيە پەيشەنبازار يېزا نۇرباغ كەنت 1-گوروپ 26-نومۇرلۇق ئۆيىدىكى ئىشكاپنىڭ ئىچىگە يۇشۇرۇپ قويغان، جاۋاپكار م** قولغا چۈشكەندىن كېيىن، ج خ ساقچىللىرى م**نىڭ ئۆيىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئوغۇرلىغان بىردانە قىزىل رەڭلىك ئايالچە مايكا بىلەن بىر دانە قارا رەڭلىك ئايالچە سومكا (سومكا ئىچىدە قىممىتى 7651يۈەن بولغان 21.65گىرام ئېغىرلىقتىكى "بىردانە ئالتۇن زەنجىر، بىرجۈپ ئالتۇن ھالقا"، بىردانە كىملىك، ئىككى دانە بانكا كارتىسى، 105يۈەن نەق پۇل بار) نى قولغا چۈشۈرۈپ قانۇن بۇيىچە تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن، ئەسلى ئىگىسى پاتىگۈل كېرەمگە قايتۇرۇلۇپ زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، ئېنىقلاش تەكشۇرۇش خاتىرسى، ئۈن سىن ماتىريالى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار. ئاددى تەرتىپنى قۇللىنىپ سوت قىلىنسا بۇلىدۇ.
مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار م**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ئوغورلۇق جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا مۇددەتلىك 10 ئايلىق قاماق جازاسى، 2000 يۇەن شىتراپ جازاسى بېرىش تەكلىۋىنى بىرىمىز، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
مۇئاۋىن باش تەپتىش : ئۆمەر ئەمەت
تەپتىش: مۇنىرە ئېلى
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى
قۇشۇمچە : 1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 2› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى، 2 تۇپلام دېلو ئارخىپى، 1 دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论