شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۈ ش س ت ت 1- باشقارما [2019] يىللىق: **- نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ۋ**، ئەر، **-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ******650103198512، ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، نوپۇس تۇرۇشلۇق جايدىكى ئادېرىسى: ** شەھىرى ** رايۇنى ** يولى **-نومۇر ** ئائىللىكلەر قورۇسى **-بىنا **-كورپۇس **-نۇمۇر، تۇتۇلۇشتىن بۇرۇن شەھىرىمىزنىڭ ** رايۇنى ** يولى ** ئائىللىكلەر قورۇسى **-بىنا **-كورپۇس **-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق. 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايى قىلمىشىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان. شۇ يىلى9-ئاينىڭ 28-كۈنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، ئەتىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ۋ** نىڭ قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايى دېلوسىنى 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا بارلىق دەۋا ھوقوقى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىنكى كېلىپ چىقىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈردۇق، جاۋابكار ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت ئېچىش تەرتىپىگە قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ۋ** 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 23 لەر ئەتىراپىدا ** شەھىرى ** رايۇنى ** يولى ** ئائىلىكلەر ئولتۇراق رايۇنى **-بىنا **-كورپۇس **-نۇمۇرلۇق ئۆيىدە، ئۇششاق ئىشلار سەۋەبىدىن زەخمىلەنگۈچى ئا** بىلەن سوقۇشۇپ، جاۋابكار ۋ** زەخمىلەنگۈچى ئا** نىڭ يۈز قىسمى ۋە كۆز قىسمىغا مۇشىت بىلەن ئۇرۇپ، زەخمىلەنگۈچى ئا** نىڭ كۆز چانىقى ئاسىتى دىۋارىنىڭ سۇنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، قانۇن دوختۇرىنىڭ باھالىشى ئارقىلىق زەخمىلەنگۈچى ئا** نىڭ زەخمىسىنى 1-دەرىجىلىك يېنىك زەخىمە دەپ باھالىغان.
يۇقارقى پاكىت تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى:
(1) زەخمىلەنگۈچىنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتېرىيالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛
(2) باھالاشنامە: ئۈرۈمچى شەھرى ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى جىنايى ئىشلار بويىچە تېخنىكىلىق باھالاش تارمىقىنىڭ [2019] **–نومۇرلۇق قانۇن دوختۇرىنىڭ ئادەم بەدىنى زەخمىسىنى تەكشۈرۈپ باھالاشنامىسى ۋە باھالاشنامىنى ئۇقتۇرۇشنامىسى؛
(3) يازما ئىسپات: جاۋابكارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، دېلوغا كېلىش جەريانى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى، زەخىملەنگۈچىنىڭ كىسەللىك تارىخى خاتىرسى؛
(4) گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى؛
(5) جاۋابكارنىڭ ئىقرارى؛
(6) ئۈن-سېن ماتېرىيالى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر؛
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار ۋ** نىڭ دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، باشقىلارنىڭ تېنىنى قەستەن يىنىك دەرىجىدە زەخىملەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىق ھوقوقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان قانۇنسىز قىلمىشىدىن «قەستەن زەخىملەندۈرۈش» جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 234-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا جاۋابكارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمەڭلارغا ئەيىبلىدۇق. سىلەرنىڭ جاۋابكارنىڭ جىنايىتىگە قانۇن بويىچە جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش:خۇرشىدە ئۆمەر
تەپتىش ياردەمچىسى: يۈسۈپجان جۈمە
2019-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى
ئەسكەرتىش:
(1) جاۋابكار ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا، ئالاقىلشىش تېلفون نۇمۇرى: **
(2) تەھقىقلەش دېلوسى ئىككى توپلام، مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىبنامىسى، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپى، ئىككى دانە سىن دېسكىسى، جازا ئۆلچەش تەكلىپى بىرگە يوللاندى.
(3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلشنامىسى بىر نۇسخا بىللە يوللانىدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论