شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش (2020) 688-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار زxx، ئەر، ئۇيغۇر، 26 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529011993xxxxxxxx، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى: xx شەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى xx شەھەر xx ئىدارىسى ئائىلىلىكلەر قوروسى xx-بىنا xx-كورپۇس xx-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسپى يوق، 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 1 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ئوغرىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىنغان.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەمدە ئاقلىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار زxx -2019 يىلى -10ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 08:30لەر بىلەن xx شەھەر xx يولى «xx ئولتۇراق رايۇنى» غا كىرىپ، زىيانلانغۇچى xxنىڭ 38-بىنا 2-كورپۇس ئالدىغا توختىتىپ قويغان 4320 يۈەن قىممىتىدىكى قىزىل رەڭلىك «فېي كېن» ماركىلىق، ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتىنىڭ رولىنىڭ ئاستىدىكى سىمىنى ماس قىلغاندىن كېيىن، توكسىكىلىتنى ئوغۇرلاپ قېچىپ كەتكەن، دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان ئەسلىگە كەلگەن.
جاۋاپكار زxx 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 16لەر بىلەن تاماكا ئالغىلىxx شەھەر xx زاۋۇتى ئەتراپىدىكى بىر دۇكانغا بېرىپ، زىيانلانغۇچى xxنىڭ xx ئائىلىلىكلەر قوروسى 2-بىنا 3-كورپوسنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان 2926 يۈەن قىممىتىدىكى قىزىل رەڭلىك «چىيەن شى شۈن» ماركىلىق ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتنى كۆرۈپ قېلىپ، ئالدى رول قىسمىدىكى سىمنى ماس قىلىغاندىن كېيىن ئوغۇرلاپ قېچىپ كەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، يازما ئىسپات، باھالاش خۇلاسىسى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋاپكار زxxنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264– ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋاپكارنىڭ جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق. جاۋاپكار زxx بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلىپ بېرىلىدىغان جازاغا قايىل بولدى، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264– ماددا، 65-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە مۇددەتلىك 1 يىلدىن 1 يىل 6 ئايغىچە قاماق جازاسى بېرىپ قۇشۇمچە 5000 يۈەن ئىشتىراف قۇيۇش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا، 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش: ئالىمجان ئېزىز
ئېرپان ھامۇت
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋابكار ھازىر ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
1. 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论