شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى
ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
ئا ت جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش [2020] 128-نومۇرلۇق
جاۋاپكار زۇ** ، ئەر، ئۇيغۇر، 1999-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، دىھقان،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كىملىك نومۇرى : ********6527011999 ،نوپوسى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ بۆرتالا شەھرى ** بازىرى ** كەنت **-مەھەللە **-نومۇر ، ئىلگىرى جازالانىمغان.
جاۋاپكار زۇ** ئالدامچىلىق گۇمانى بولغانلقى ئۈچۈن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن توردا تۇتۇش بۇيرىقى چىقىرىلىپ ،2020-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى بۆرتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ ۋاقىتلىق توختۇتۇپ قويۇلغان،2020-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى ئاقتۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارسى تەرپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بىرىلگەن،جاۋاپكارھازىر كىپلدە.
ئاقتۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى2020-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى جاۋاپكار زۇ**نىڭ ئالدامچىلىق دىلوسى ئۇستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرىلاشتۇرۇپ مەھكىممىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيپلەشكە يوللغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق،«جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلىش »تەرتىۋىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق،جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ۋە دىجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق،بارىلىق دىلو ماتىريالىنى كۆرۈپ چىقتۇق،جاۋاپكارنىڭ قوشۇلىشى بىلەن مەزكۇر دىلوغا ئاددى تەرتىپ قوللاندۇق.
تەكشۈرۈپ ئېنقلشمزچە :
جاۋاپكار زۇ** 2019-يىلى 9-ئايدا ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەخسىتىدە ئۆزىنىڭ zulkar0821نومۇرلۇق ئۈندىدارىنىڭ دوسلار چەمبىرىكىگە ئۆزىنىڭ ئالى مەكتەپ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلالايدىغانلىقى توغرىسىدا ئىلان چىقارغان،شۇنىڭ بىلەن زىيانلانغۇچى ئى** 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى جاۋاپكار زۇ**نىڭ ئۈندىدارىنى قاچىلاپ ئۆزىنىڭ ئالى مەكتەپ چاقىرىق قەغىزىگە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى دىگەندىن كىيىن،جاۋاپكار زۇ** «مەن ئالى مەكتەپ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلالايمەن ،بۇنىڭ ئۈچۈن 8000يۈەن پۇل كىتىدۇ»دىگەندە ،زىيانلانغۇچى ئى** ماقۇل بولغان ھەمدە 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى ئالى مەكتەپ چاقىرىق قەغىزى ھەل قىلىش ئۈچۈن جاۋاپكارزۇ**نىڭ ئۈندىدارىغا 8000يۈەن پۇلنى ئاغدۇرغان،جاۋاپكارزۇ** پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن(زىيان تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى).
يۇقارىقى پاكتنى بېكتشدىكى دەلىل-ئسپاتلار تۆۋەندىكىچە :
1- يازما ئسپات
1- زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى
1- جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى : جاۋاپكار زۇ**نىڭ يۇقارقى قىلمىشنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريتى جنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266- ماددسىنىڭ بەلگلمسىگە ئاساسەن ئالدامچىلىق جنايتى بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تېگشلىك دەپ قاراپ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئالاھىدە ئەيپلىدۇق، جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىغا مۇددەتلىك ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى بىرىپ بىر يىل كىچىكتۈرۈش ،قوشۇمچە شىتراف قويۇشقا تەكلىپ بىرىمىز ،جاۋاپكارغا قانۇن بويىچە جازا بېرشڭىزلارنى سورايمىز .
ھۆرمەت بىلەن :
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ئاقتۇ ناھيلىك
خەلق سوت مەھكىمسگە:
تەپتىش : نۇرىمان تۇرسۇن
تەپتىش ياردەمچىسى: ئابدۇسالام ئوبۇل
2020-يىلى 8- ئاينىڭ 12-كۈنى.
ئىزاھات:
1- جاۋاپكار ھازىر ئاقتۇ ناھىيلىك قاماقخانىغا قاماقلىق
2- جاۋاپكار ئاقلغۇچى تەكلپ قىلمىدى .
3 -«جىنايىتىنى تونۇپ،جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى»، ئەيىپلەشنامىدىن 8 نۇسقا ج خ دىلوسى بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论