乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕423号
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020)423-نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار مۇxx، ئەر، قىرغىز، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى xx، ئۇچتۇرپان ناھىيە xx يېزا xx-كەنىت xx-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، پارتىيە ئەزاسى، كەسپى چارۋىچى، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزىلىك ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار مۇxxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىىندى ۋە جاۋابكار بىلەن نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار بۇ دېلونى تىز سوت قىلىش تەرتىپنى قوللۇنۇپ سوتلاشقا قۇشۇلدى.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار مۇxx 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 23:30 ئەتراپىدا xx يېزا xx-كەنىت xx-مەھەللىدىكى دۈxxنىڭ ئۈيىدە دۈxx، تۇxx قاتارلىقلار بىلەن ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، ئەتىسى يەنى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 00:25 ئەتراپىدا ئۈيىگە قايتىش ئۈچۈن، دۈxxنىڭ ئىشىك ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان قاxx ئىگىدارلىقىدىكى xx نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىنى مەسىت، پىراۋىسىز ھەيدەپ 10 مىتىر ئەتراپىدا ماڭغاندا شۇ ئەتراپنى چارلاۋاتقانلار تەرپىدىن بايقىلىپ ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بىرىلگەن.
شىنجاڭ خواتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى بۇيۇملىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنى (2020) 2759-نومۇرلۇق ئەدىليىلىك باھالاش دوكلاتىدا «مۇxxنڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 95.80 مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقارغان.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مۇxx يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىقتىيارلىقى بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەم ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار مۇxxنىڭ ھاراق ئىچىپ مەسىت، پىرۋىسىز ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىدىكى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار قىلمىشىنى تولۇق تۇنۇپ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان. تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جاۋابكار مۇxxقا 1 ئاي 25 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىش، قۇشۇمچە 4000 يۈەن ئىشتىراپ قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن
پۈتۈكچى: گۈلجامال ئابدۇقادىر
2020-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە. xx
(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论