欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(米某某危险驾驶案)

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 

كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى 

                                               ك ت ئەيىبلەش چىقىش (2020)  1036 -نومۇرلۇق

كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

جاۋابكار xx، ئەر ، ئۇيغۇر ، xx -يىلى xx -ئاينىڭ xx -كۈنى توغۇلغان، كىملىك نومۇرى 652923 xx ،  باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، دېھقان، شىنجاڭ كۇچا ناھىيىسىدىن، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇن: كۇچا شەھىرى xx يېزا xx -كەنت xx -گورۇپ xx -نومۇر،  ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرىسى : كۇچا شەھىرى xx يېزا xx -كەنت xx -گورۇپ xx -نومۇر ، ئىلگىرى جازالانمىغان.

خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن xx -يىلى xx -ئاينىڭ xx - كۇنى كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىلگە بېرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە .     

مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى (2020)509-نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار xxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايى دىلوسىنى xx -يىلى xx -ئاينىڭ xx -كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ « جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شۇ كۇنى جاۋابكارغا ئاقىلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق،جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق، جاۋابكار مەزكۇر دىلونى تىزكىسىم تەرتىپى بىلەن سوت قىلىشقا  قۇشۇلدى،يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن دىلودىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :

جاۋابكار xx -يىلى xx -ئاينىڭ xx -كۈنى سائەت xx لەر ئەتراپىدا ئاغىنىسى xx قاتارلىق سەككىز ئادەم xx نىڭ ئۆيىدە500گىراملىق ئاق ھاراقتىن بەش بۇتۇلكا،پىۋىدىن تۇققۇز بۇتۇلكا ئىچكەندىن كىيىن سورۇندىن تاقاپ ئۆيىگە قايتىپ كەتكەن، xx پىيادە ئۆيىگە بېرىپ،ئۆيىنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان ئۆزىنىڭ xx نۇمۇرلۇق دۆڭفېڭ ماركىلىق ئائىلە ماشىنىسىنى كۇچا شەھىرى xx يېزا xx -كەنىت يولىدا ھەيدەپ مېڭىپ200مىتىردەك ماڭغاندىن كىيىن خوشنىسى xx نىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ماشىنىنى كونتىرول قىلالماي يول بۇيىدىكى xx كە سۇقىۋەتكەن،نەتىجىدە بىر قاتناش ۋاستىسى بۇزۇلۇشتەك يول قاتناش ھادىسىسى كېلىپ چىققان. 

 شىنجاڭ قاتناش پەن-تەتقىقات يۇرتى ئەدلىيلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش پىكىرنامىسىدە، xxنىڭ ۋىنا قان تۇمۇرىدىن ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقتارىmg/100mL 190 دەپ باھالاپ بېكىتكەن .

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،باھالاشنامە، ئېنىقلاپ– تەكشۈرۈش خاتىرسى،ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار  ئىسپاتلايدۇ .

دىمەك،جاۋابكار xx نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق ، دەلىل- ئىسپاتى راست ۋە تۇلۇق  بېكىتىشكە بولىدۇ,جاۋاپكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .

مەھكىمىمىز جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۇزدىغان جىنايى ھەركەتلەرگە زەربە بېرىپ، قاتناش-تىرانسىپورت ئىشلىرىنىڭ بىخەتەر،راۋان بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار مى* «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 133-ماددا 1-تارماق2-تارماقچىسى، 67- ماددا3- تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جازا بىرشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلىشڭىزلار ئۈچۇن ئەيىبلىدۇق.

ھۆرمەت بىلەن: 

                             تەپتىش:ياسىن روزى

                        2020- يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى

ئەسكەرتىش:

1 .جاۋابكار مى* ئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن ، ھازىر ئائىلىسىدە . 

2. بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە ، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ، تىز كىسىم قوللىنىش تەكلىپنامىسى،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئىتراپنامىسى بىرگە يوللاندى .       

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top