欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(米某某危险驾驶案)

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 

كۇچا ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

 ئەيىبنامىسى

                                ك ت جىنايى ئىشلار1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش (2020) 706 - نومۇرلۇق

كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

جاۋابكار مX، ئەر، ئويغۇر، 1988-يىلى**-ئاينىڭ**-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: *******6529231988، ئوتتۇرا تېخىكوم  مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپىيوق ،يۇرتى ۋە ھازىرقى ئولتۇرغى: شىنجاڭ كۇچا شەھىرى ***** يولى غەربىي ***-نومۇر**-بىنا**-كورۇپۇس ***-نۇمۇرلۇق ئۆي،ئىلگىرى جازالانمىغان.

2020-يىلى03–ئاينىڭ25-كۈنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن كۇچا ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىلگە بېرىلگەن ،2020-يىلى07-ئاينىڭ 02-كۇنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.

مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 264-نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار مXنىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايى دىلوسىنى 2020- يىلى 07- ئاينىڭ 02- كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق ۋە جاۋاپكار ۋە دىجورنى ئادۋوكاتىنىڭ پىكرىنى ئالدۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا تېز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى. دىلودىكى دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :

جاۋابكار مX 2020-يىلى03-ئاينىڭ23-كۈنى سائەت23:00 لەر ئەتراپىدا كۇچا شەھىرى *** يۇلى «****» مېھمانخانسىڭ يېنىدىكى ئاشخانىدا ئاغنىسى شX ،قX ، نىXقاتارلىقلار بىلەن ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ئۆيىگە قايتىش مەقسىدىدە 2020-يىلى 03-ئاينىڭ24-كۈنى01:50 لەر ئەتىراپىدا سورۇندىن يېنىپ چىقىپ ،«*** » مېھمانخانسىنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا توختىپ قويغان ،پX نامىدىكى  新N*****نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىسىغا نەۋرە ئىنىسى نXنى چىقىرىپ *** يولىغا چىققاندىن كىيىن ***** يۆنىلىشتە يۈرۈپ 10مىترلار ماڭغاندىن كىيىن شۇ يول بويىدىكى يول چىقىرىقى تۈۋرىكىگە سوقۇلۇپ نەق مەيداندا ساقچىلار تەرپىدىن تۇتۇلغان ،

 شىنجاڭ قاتناش پەن-تەتقىقات يۇرتى ئەدلىيلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش پىكىرنامىسىدە، مXنىڭ ۋىنا قان تۇمۇرىدىن ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقتارى/100ml mg270 دەپ باھالاپ بېكىتكەن.

يۇقارقى پاكىتىنى جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش پىكىرى،ئېنىقلاپ-تەكشۈرۈش خاتىرسى، سۈرەت قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

دىمەك،جاۋابكار مXنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل- ئىسپاتى راست ۋە تۇلۇق  بېكىتىشكە بولىدۇ,جاۋاپكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .

مەھكىمىمىز جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۇزدىغان جىنايى ھەركەتلەرگە زەربە بېرىپ، قاتناش- تىرانسىپورت ئىشلىرىنىڭ بىخەتەر،راۋان بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار مXنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 133-ماددا 1-تارماق2-تارماقچىسى، 67- ماددا3- تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايەت بىكىتىپ جازا ئولچەپ، «جوڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق.

 ھۆرمەت بىلەن: 

                             تەپتىش: ئەنۋەر ئەخمەت 

                        2020-يىلى 07-ئاينىڭ 08-كۈنى

ئەسكەرتىش:

1 .جاۋابكار مX ئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە . 

2. بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، تېز كېسىم تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى قۇبۇل قىلىش ئېتراپنامىسى بىرگە يوللاندى .     

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top