欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(米某某诈骗案)

2021-09-23 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوشۇت ناھىيەلىك

خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

خ ت1-بۈلۈم ج ئەيىبلەش (2020) 14-نومۇرلۇق

جاۋابكار م**، ئەر ، ئۇيغۇر ، 1995-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ******** 6528281995، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە ، سالاھىيتى ئامما ، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي : شىنجاڭ خوشۇت ناھىيە ** بازار **يولى **-نومۇر ، ھازىرقى ئولتۇرشلۇق ئادىرىسى: شىنجاڭ خوشۇت ناھىيە ** ئولتۇراق مەھەللىسى ** رايون **-بىنا **-كورپۇس **-نومۇر ، 2018-يىلى ئوغۇرلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن خوشۇت ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن مەمۇرى جەھەتتىن 15كۈن توختۇتۇلۇپ قويۇلغان ، جاۋابكار م**2019-يىلى12-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالدامچىلىق دىلوسىغا چېتىشلىق دەپ قارىلىپ ، خوشۇت ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلغان ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى مەھكىمىز تەرىپدىن قانۇن بويىچە قولغا ئېلنغان.ھازىر خوشۇت ناھىيەلىك قاماقخانىدا قاماقتا .

جاۋابكارم**نىڭ ئالدامچلىق جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدە،خوشۇت ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى3-ئاينىڭ27-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن،قانۇنىدا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق. ھەمدە جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى ئىتراپ قىلش كەلتۈرۈپ چىقردىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ،جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ،جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە ،دېلونىڭ بارلىق ماتىريالىنى قانۇن بويىچە تەكشۈردۇق.بۇ دېلو2020-يلى 4-ئاينىڭ27-كۈنى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش مۇددىتى ئۇزارتىلدى.

2019-يىلى 5-ئاي مەزگىلىدە ،جاۋابكار م** ، زىيانلانغۇچى ق**نىڭ پۇل – مېلىنى ئالداش مەقسىتىدە ، ق**گە قىز دوست تونۇشتۇرۇپ قويۇشنى باھانە قىلىپ ، ئۆزىنىڭ تور ئىسمى (小**) بولغان ئۈندىدار نومۇرىنى ق**گە ئەۋەتىپ بەرگەن ، ق** تور ئىسمى (小**) بولغان ئۈندىدارنى قوشقاندىن كېيىن ، جاۋابكار م** يالغاندىن ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئالمىرە ، تۈرمىدە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، قىز – ئوغۇل دوستلىق مۇناسىۋەتنى مۇقۇملىغاندىن كېيىن ، ھەرخىل سەۋەپلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ق**نىڭ 9100.00 يۈەننى ئالداپ كەتكەن .

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن:

يازما ئىسپات، جاۋابكارلانىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىنىشى،زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ،جاۋابكارمۇ ئۆز قىلمىشىغا ئىقرار،بىكىتىشكە بولىدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ:

جاۋابكار م** قانۇنسىز ئىگلىۋېلىش مەقسىتىدە ،پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىرىپ باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئالدىغان،سومىسى بىر قەدەر كۆپ، قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 266 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇپ ، قىلمىشىدىن ئالدامچلىق جىنايىتى شەكىللىندۇ،دېلونىڭ جىنايەت پاكىتى ئېنىق ، دەلىل - ئىسپاتى راست ھەم تولۇق بۇلۇپ ئالدامچلىق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك ،شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.قانۇن بويىچە جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوشۇت ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش: غېنى رېھىم

2020- يىلى5-ئاينىڭ11-كۈنى

قوشۇمچە:

(1)جاۋابكار خۇشۇت ناھيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا.

(2) ج خ ئىدارىسىنىڭ دېلو ماتېرىيالى(جەمئىي توپلام بەت)،10 پارچە ئەيىپلەشنامە ،دېلو چېتىشلىق بۇيۇملار بىرگە يوللاندى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top