شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 534-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار مىxx،ئايال، ئۇيغۇر، 25 ياش، كىملىك نۇمۇرى: xxxxxxxx6529011994،ئالىي تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسگە ئىگە، يۇرتى ئاقسۇ شەھەر، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق جايى: ئاقسۇ شەھەر xx ئولتۇراق رايۇنى xx-بىنا xx-كورپۇس xx-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسىپى يوق،ئىلگىرى جازالانمغان،2019-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىغۇچە كىپلىككە بىرلىگەن. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ،جاۋابكارغا ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ،بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋاپكار مىxx 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 2019-يىلى1-ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە،ئېxx(2004-يىلى4-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇغۇلغان)، كاxx (2004-يىلى4-ئاينىڭ18-كۈنى تۇغۇلغان)قاتارلىقلار،ئاقسۇ شەھەر xx xx بىناسىدا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى زxx ۋە گxx قاتارلىقلارنىڭ ئۈيىدىن ئوغۇرلىغان 55 مىڭ 352 يۈەن قىممىتدىكى ئالتۇن زىببۇ–زىننەتلەرنى،ئوغۇرلانغان بۇيۇم ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ پايدا ئېلىش مەقسىتدە،ئې xx، كاxx قاتارلىقلارغا ۋاكالىتەن ئاقسۇ شەھەر xx كوچىسى، xx يۇلى، ئاقسۇ شەھەر xx كوچىسى قاتارلىق جايلاردىكى ئالتۇن دۇكانلىرىغا ئاپىرىپ سېتىپ بىرىپ، جەمئى 7800 يۈەن پايدا ئالغان.دىلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋاپكار مىxx زىيانلانغۇچىلارنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ قايتۇرغان .
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى،گۇۋاچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاشنامە، نەق مەيدان تۇنۇتۇش سۈرەتلىرى ۋە رازۋېتكا خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار مىxxنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 312-ماددا بەلگىلمىسىگە خىلاپ، دىلونىڭ جىنايەت پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپات تۇلۇق،جاۋابكار مىxx نى جىنايەت تاپاۋىتنى نىقاپلاش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك،جاۋاپكار جىنايىتىگە ئىقرار بۇلۇپ، جاۋابكارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولغان قىلمىش«جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكار مىxxغا مۇددەتلىك 3 يىللىق قاماق جازاسى بىرىپ،قۇشۇمچە 10 مىڭ يۈەن ئىشتىراف قۇيۇشقا ھۈكۈم قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بىرىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق .
تەپتىش: ئەنۋەر ئەمەت
2020-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى
ئىزاھات: 1 .جاۋابكار مىxx تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان بۇلۇپ ھازىر ئائىلىسىدە.ئالاقىلشىش تىلپۇن نومۇرى:xxxxxx15292.
2.8 نۇسقا ئەيىپنامە،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىل خېتى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى، بىر دانە نۇر دېسكا بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论