شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
شايار ت ج ئە (2020) 414-نومۇرلۇق
جاۋابكار مXX، ئەر، ئۇيغۇر،XX19-يىلى X-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى : 18XXXXXXXX65292419، تۇلۇق كۇرس مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايى: شايار ناھىيە XX بازىرى XX كەنت XX-گورۇپ، قامىلىشتىن ئىلگىرى XX شەھىرىXX رايۇنى XX كوچىسى XX-نۇمۇر X-ئىشىك XX-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇش جىنايىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەر تىيانشان رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك بىر يىل ئۈچ ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتىگە ئاساسەن شايار ناھىيىىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بىرىلگەندىن كىيىن، ئالدامچىلىق جىنايىتى بايقىلىپ توردا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغاندىن كىيىن، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى نىيەنزىگو ساقچىخانىسى تەرپىدىن تۇتۇلۇپ، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنىچىگە ئۈچ كۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 2-قاماقخانىغا ۋاقىتلىق قامالغان، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى شايار ناھىيىسىگە يۆتكەپ كىلىنىپ، ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان.
جاۋابكار مىXX، ئايال، ئۇيغۇر، XX19-يىلى X-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى : XXXXXXXX4x65292419، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، قامىلىشتىن ئىلگىرى شايار ناھىيە XX بازىرى XX ئاھالىلەر كومىتىتى XX ئولتۇراق رايۇنى X رايۇن X-بىنا XX-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىنغان.
شايار ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار مXX، مXXنىڭ ئالدامچىلىق، ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 2–ئاينىڭ 4-كۈنى ش ج خ چىقىش (2019) 380-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋابكارلارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارلارنى سوراق قىلدۇق .
تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە : جاۋابكار مXX، مXXلار 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 2018-يىلى 4-ئايغىچە بولغان مەزگىلىدە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى زXXنىڭ يولدىشى مXX، سXXنىڭ يولدىشى مXX، رXXنىڭ يولدىشى ئىXX، ئاXXنىڭ يولدىشى ئېXXلار ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ تەكشۈرلىۋاتقان مەزگىلدە، قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرلىۋاتقانلارنى قاماقخانىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئېلىپ چىقىپ بېرىشنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغانلىقىدەك ھەقىقى ئەھۋالنى يۇشۇرۇپ، زXX، سXX، رXX، ئاXXغا ئىرىڭلارنى ساقچىخانا، تەربىيلەش ئورنىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئەپچىقىپ بېرىمەن دەپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى زXXنىڭ 100000 يۈەن، سXXنىڭ 42000 يۈەن، رXXنىڭ 45000 يۈەن، خXXنىڭ 70000 يۈەن بولۇپ، جەمئى 257000 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زXXنىڭ 100000 يۈەن زىيىنى جاۋابكار مXXنىڭ ئاپىسى دXXنىڭ قايتۇرۇپ بىرىش بىلەن ئەسلىگە كىلىپ، قالدى زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
جاۋابكار مXX 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 3:00 لەر ئەتراپىدا، ھاراق ئىچىپ 新AXXXXX نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ شايار ناھىيە بازىرى جىنشۈيلۇ ساقچى پونكىتىنىڭ ئالدىدا چارلاش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغاندىن كىيىن، چارلاش ساقچىلىرى تەرتىپ بۇيىچە مەزكۇر دېلونى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتىنىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. قاتناش ساقچى ئەترىتىنىڭ ياردەمچى ساقچىسى ئەXX، تXX ساقچى ماشىنىسىنى ھەيدەپ ساقچى فورمىسى بىلەن نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، تەرتىپ بۇيىچە دېلونى ئۆتكۈزۋېلىپ جاۋابكار مXXنى شايار ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئېلىش جەريانىدا، جاۋابكار مXX دوختۇرخانىنىڭ ئىچىدە ساقچىلارنىڭ باشقۇرىشىغا بويسۇنماي ۋە دوختۇرلارنىڭ قان ئېلىش خىزمىتىگە قارشلىق قىلىپ، قوللىرىنى سىلىكىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغىلى قويماي، ساقچىلارنى ئىتتىرىۋېتىپ قان ئېلىش ئۈيىدىن قېچىپ چىقىپ، بالنىسىت بۆلۈمىنىڭ كەينى تەرەپكە قاراپ قاچقان، ساقچىلار كەينىدىن قوغلىشىپ ئۇنىڭغا يىتىشىپ، جاۋابكار مەھەممەت ئىسمايىلغا ساقچىلارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا ماسلىشىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىپ توسقاندا، جاۋابكار مXX يەردىن بىر پارچە خىش پارچىسىنى ئېلىپ ساقچىلارغا :« يېقىن كىلىشمە، يېقىن كەلسەڭ خىش بىلەن ئۆزەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋالىمەن» دەپ خىش پارچىسىنى قۇلىدا كۆتۈرۈپ ساقچىلارغا تەھتىد سېلىپ، شۇ يەردىكى تامغا يۆلەپ قويغان تۈمۈر شوتا ئارقىلىپ ئۆگزىگە ياماشقاندا، ساقچىلار كەينىدىن يامىشىپ ئۇنىڭ پۇتىدىن تۇتىۋالغان، جاۋابكار مXX قۇلىدىكى خىش پارچىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، « ئەمدى مىنى قوغلىساڭلار، مۇشۇ يەردىن سەكرەپ ئۆزەمنى ئۆلتۈرۋالىمەن.» دەپ ساقچىلارغا تەھتىد سېلىپ، ئۆگزىگە چىقىپ قېچىپ كېتىپ، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى ئەترىتىگە بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى، جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋابكار مXX، مىXXنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈلۋاتقانلارنى قاماقخانىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئېلىپ چىقىپ بېرىشنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغانلىقىدەك ھەقىقى ئەھۋالنى يۇشۇرۇپ، « قاماقخانىدا قانۇن بۇيىچە تەكشۈرلىۋاتقانلارنى قاماقخانىدىن ئېلىپ چىقىپ بىرىش » نامى بىلەن، باشقىلارنىڭ ناھايىتى كۆپ مىقداردىكى مال-مۈلكىنى ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋابكار مXXنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىغا ۋاكالىتەن قانۇن بۇيىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ياردەمچى ساقچىلارنىڭ نورمال قانۇن ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان قىلمىشىدىن ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. پۇخرالارنىڭ مال-مۈلۈككە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ دەخلىسىزلىگى ۋە جەمئىيەت باشقۇرۇش تەرتىپىنىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچىرماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئېگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-، 277-، 25-، 65-، 69-، 67-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلىگىلىمە بۇيىچە جاۋابكار مXXنىڭ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-، 25-، 67-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە جاۋابكار مXXنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، جاۋابكار مXX، مىXXلار جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولدى، شۇڭا مەھكىمىڭىزلارغا جاۋابكار مXXغا مۇددەتلىك يەتتە يىل سەككىز ئاي 21 كۈن قاماق جازاسى بېرىپ، قۇشۇمچە 50000 يۈەندىن يۇقىرى 100000 يۈەندىن تۆۋەن دائىردە شىتىراف قۇيۇش جازاسى، جاۋابكار مىXXغا مۇددەتلىك تۆت يىل ئۈچ ئاي 18كۈن قاماق جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە 50000 يۈەندىن يۇقىرى 100000 يۈەندىن تۆۋەن دائىردە شىتىراف قۇيۇش جازاسى بېرىش تەكلىپى بېرىش بىلەن بىرگە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-، 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەزكۇر دېلونى مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارغا تەكلىپ بېرىمىز.
ھۆرمەت بىلەن :
شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش: مۇكەرەم ئالاۋۇدۇن
2020-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى
قۇشۇمچە: 1) 13 نۇسخا ئەيىبنامە، دەلىل-ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، تەھقىقلەش دېلو ئارخىپى 2 توپلام (جەمئى 523 بەت) بىرگە يوللاندى.
2) جاۋابكارلار قاماقخانىدا قاماقلىق.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论