欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(肉某某危险驾驶罪案)(自然人犯罪案件)(公开版)

2021-09-23 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى چەرچەن ناھىيلىك خەلق تەپتىش

مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلەشنامىسى

 چ ت ئە (2020)  56-نومۇرلۇق

چەرچەن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋاپكار رۇ***، ئەر، ئۇيغۇر،1986-يىلى**–ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان،  ( كىملىك نۇمۇرى: ********6528251986)، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى دېھقان ئەسلى، يۇرتى شىنجاڭ چەرچەن ناھيىسىدىن، نۇپۇس ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى چەرچەن ناھىيە *** يېزىسى *** كەنتى **-گۇرۇپ ***-نومۇرلۇق ئۇيدە ئۇلتۇرۇشلۇق، 2019- يىلى 11- ئاينىڭ  6- كۈنى چەرچەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جخنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كېپىللكە بېرىلگەن، 2020- يىلى 4- ئاينىڭ 5- كۈنى مەھكىمىمىىز تەرىپىدىن كېپىلگە بىرىلگەن ئىلگىرى، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان.

چەرچەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار رۇ***نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلۇسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 4- ئاينىڭ 5– كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن›› جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن ‹‹نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، بىجىرىشكە تىگىشلىك  قانۇن ھوججەتلەرنى بىجىردۇق، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى، دېلۇ بېجىرگۈچىلەر جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،ھەمدە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرى ئېلىنىپ پۇتۇن دېلو تەكشۇرۇپ ئاياغلاشتۇرۇلدى. جاۋاپكار  رۇ*** دىلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىۋى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۇرۇش ئارقىلىق جاۋاپكار رۇ***نىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق.

جاۋاپكار رو***، 2019- يىلى 10- ئاينىڭ 21- كۇنى سائەت 23:30 لەر ئەتراپىدا، چەرچەن ناھىيە *** يېزا *** كەنتنىڭ ئايىغىدىكى ***- گوباڭ (315-نومۇرلۇق دۆلەت تاشيولىنىڭ 1750كىلومىتىرلىق بۆلىكىگە توغرا كېلىدۇ) قۇرۇلۇش مەيدانىنىڭ 500 مېتىر يىراقلىقىدىكى دوستى ئو***نىڭ ئۆيىدە دوستلىرى ئو***، رو***، يۈ***، ئۇ*** قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ھاراق ئىچىپ، سەھەر سائەت 5:00لەر ئەتراپىدا، ھاراق سورۇندىن تاراپ مەس ھالەتتە، ئاياق تاتىراڭ كەنتى 2- گۇرۇپتىكى ئۇيىگە قايتىش ئۇچۇن، ئۆزىنىڭ 新M***** نومۇرلۇق، لىغەن ماركىلىق كىچىك تىپتىكى كۈمۈش رەڭلىك ماشىنسىنى ھەيدەپ تاتىراڭ يېزا جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلگەندە، شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان چەرچەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى كادىر ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزى [2019]7966- نۇمۇرلوق زەھەرلىك بۇيۇملارنى باھالاش يەكۇنىدە:« جاۋاپكار رو***نىڭ ھەر 100 مىللىتىر قان ئەۋرىشكىسى تەركىبىدە 114 مىللىگىرام ئىسپىرىت مىقدارى بار » دەپ  ئەدىلىيىلىك باھالاش يەكۈنى چىقارغان.

جاۋاپكار رۇ***نىڭ يۇقارقى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق. جاۋاپكار ئۆزىمۇ ئىقرار.

يۇقارقىلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل -ئىسپاتلاردىن :

دېلودىكى ‹‹ يازما ئىسپاتلاردىن، قۇبۇل قىلغان دېلولارنى تىزىملاش جەدۋىلى، تۇتۇپ قالغان ۋە قايتۇرغان نەرسە تىزىملىگى، جاۋاپكارنىڭ نۇپۇس ئىسپاتى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، چەرچەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ۋە شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ ئۇچۇرى، شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزى [2019]7966- نۇمۇرلۇق زەھەرلىك بۇيۇملارنى باھالاش يەكۈنى، نەق مەيدان تۇتۇلۇش سۇرئىتى ›› قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار بار.

 مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە

جاۋاپكار رۇ***نىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئېچىپ مەست ھالەتتە، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ خەتەرلىك يول يۇرگەن قىلمىشىدىن » جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى « نىڭ 133- ماددىسىنىڭ-1 تارمىغىدىكى بەلگىلمە بۇيىچە جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق،جاۋاپكار ئوزىمۇ ئىقرار. « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى « نىڭ -15 ماددىسىدىكى بەلگىلمىگە ئاساسەن ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. جاۋاپكار رۇ*** غا 1 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىپ، جازاسىنى 2 ئاي كېچىكتۇرۇش بىلەن بىرگە، قوشۇمچە 2000 يۈەن شىتراپ قويۇش جازاسى بېرىپ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىۋىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز. شۇڭا »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى « نىڭ 176- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر.

تەپتىش:  قەمبەرنىسا ئەمەت 

-2020 يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى

ئەسكەرتىش :

1.جاۋاپكار رۇ***  ئائىلىسدە كېپىلدە.

2.ئەيىپنامە 8 نۇسقا.

3. »جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمى ئۇقتۇرىشى « ۋە» جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى « بىر نۇسقا.

4.دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى، تەھقىقلەش ئارخىۋى بىر توپلام بىرگە 

يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top