乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2021〕xx号
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2021)xx -نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار رۇxx، ئايال، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى 652927xx ئۇچتۇرپان ناھىيەxx يېزاxx كەنىت xx-گۇرۇپ xx-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسپى دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، كىردىت كارتا ئالدامچىلىقى جىنايەت گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار رۇxxنىڭ كىردىت كارتىسى ئالدامچىلىقى جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ۋە جاۋابكار بىلەن نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار رۇxx 2018-يىلى 9-ئايدىن 2020-يىلى 6-ئايغىچە بولغان ئارلىقتا ئۇچتۇرپان ناھىيە ياكۆۋرۈك يېزا xx-كەنىت كومېتىتىنىڭ ئايال ھەيئەتلىك خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئۈتەۋاتقان بۇلۇپ، بۇ مەزگىلىدە ئۈزىنىڭ خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ زىيانلانغۇچى ياxx، چوxx، خەxx، ئىxx، پاxx، رxx، نىxx، لەxx ۋە زوxx قاتارلىقلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا كارتىسىدىكى پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىش مەقسىتىدە ئۇلارنىڭ ئۈيىگە بېرىپ، ئۇلارغا «داۋالىنىش سۇغۇرتا كارتاڭلارغا ئۇرۇلغان تۇلۇقلىما پۇل ئۇچۇرنى تەكشۈرۈپ بىرىمەن، نامىراتلارنىڭ كارتىسىنى خىزمەت گۇرىپىسىدىن يىغىڭلار دېگەن» دىگەن گەپلەرنى قىلىشى ئارقىلىق، يۇقارقىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا كاتىسىنى ئالداپ ئىلېۋىلىپ، ياكۆۋرۈك يېزا قەرىز ئامانەت كوپراتىپىنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ئاپىراتى ئارقىلىق كارتا ئىچىدىن 20 قېتىمدا جەمئى28.610 يۈەن پۇلنى ئېلىۋېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن، يەنە 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى زىيانلانغۇچى ئاxxىنىڭ ئۈيىگە، 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى زىيانلانغۇچى كېxxنىڭ ئۈيىگە ئىزدەپ بېرىپ، ئۇلارغا «پىلانلىق تۇغۇت تۇلۇقلىما پۇلى كۆپ ئۇرۇلۇپ كىتىپتۇ، شۇڭا كۆپ ئۇرۇلۇپ كەتكەن پۇلنى ئالغىلى كەلدىم» دىگەن گەپلەرنى قىلىش ئارقىلىق 2 قېتىمدا يۇقارقىلارنىڭ جەمئى2600 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋابكار يۇقارقى زىياننى ئىگىسىگە تولۇق تۆلەپ قايتۇرغان.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار رۇxxنىڭ قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئىرىشىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ كىردىت كارىتسىنى ئىشلىتىپ پۇل-مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن كىردىت كارتىسى ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 196-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكارغا جىنايى جازا ئۆلچىگەندە جاۋابكارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغانلىغى، زىياننى تۆلەپ قايتۇرغانلىغى ۋە جىنايىتىنىڭ جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى، زىيىنى، خەۋىپى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن
پۈتۈكچى: گۇلگىنە ئىلغار
2021-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
ئىزاھات: (1) 8 نۇسخا ئەيىپنامە، ئىككى توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.
(2)جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە، xx
(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论