欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(肖某某、居某某盗窃案)(公开版)

2021-09-25 独角龙 评论0

شىخو شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلەشنامىسى

ش ش ت (2021) چىقىش 39–نومۇرلۇق

1.جاۋابكار ش**، ئەر، ئۇيغۇر،19**-يىلى**-ئاينىڭ**-كۇنى تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغان، كىملىك گۇۋاھنامە نومۇرى: 654**، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىخو شەھەرلىك ج خ ئىدارسى **ساقچىخانسىدا، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ شىخو شەھەرلىك **نومۇر،يەككە تىجارەتچى. 

  جاۋابكار ش** 2009-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۇنى ئوغۇرلۇق جىنايتى ئۆتكۇزگەنلىكى ئۇچۇن،شىخو شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمسى تەرپىدىن بىر يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۇم قىلىنىپ ،قوشۇمچە 3000يۇەن جەرىمانە قويۇلغان. 2017-يىلى10-ئاينىڭ31-كۇنى ئوغۇرلۇق جىنايتى ئۆتكۇزگەنلىكى ئۇچۇن،شىخو شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمسى تەرپىدىن بىر يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۇم قىلىنىپ ،قوشۇمچە 4000يۇەن جەرىمانە قويۇلغان.2018-يىلى5-ئاينىڭ5-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەن.

2020-يىلى10-ئاينىڭ21-كۇنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن، شىخو شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلىپ، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۇنى ئوغۇرلۇق جىنايتى بىلەن مەھكىمىمىز تەرىپدىن قولغا ئېلىنغان.

2.جاۋابكار جۇرئەت، ئەر، ئۇيغۇر،1985-يىلى11-ئاينىڭ15-كۇنى تۇغۇلغان، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغان، كىملىك نومۇرى: 654222198511150239، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىخو شەھەرلىك ج خ ئىدارسى .باسىخو ساقچىخانسدا، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ شىخو شەھەرلىك باسىخو يېزىسى لەنگەر مەھەللە 313-نومۇر،يەككە تىجارەتچى.

    جاۋابكار ج** 2009-يىلى2-ئاينىڭ15-كۇنى، ئوغۇرلۇق جىنايتى ئۆتكۇزگەنلكى ئۇچۇن، شىخو شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۇم قىلىنىپ،3يىل كېچكتۇرۇپ ئىجىرا قىلشقا.قوشۇمچە 3500يۇەن جەرىمانە قويۇلغان. 2010-يىلى12-ئاينىڭ28-كۇنى، ئوغۇرلۇق جىنايى بىلەن شىخو شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن مۇددەتلىك ئىككى يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۇم قىلىنغان، قۇشۇمچە 5000يۈەن جەرىمانە قۇيۇلغان.2017-يىلى10-ئاينىڭ31-كۇنى، ئوغۇرلۇق جىنايى بىلەن شىخو شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن مۇددەتلىك سەككىز ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، قوشۇمچە 3000يۇەن جەرىمانە قويۇشقا ھۆكۇم قىلىنغان.2018-يىلى 1-ئاينىڭ5-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەن.

جاۋابكار ج** 2020-يىلى10-ئاينىڭ14-كۇنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن شىخو شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلىپ،2020-يىلى10-ئاينىڭ17-كۇنى  ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن.

شىخۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بۇ دېلونىڭ تەھقىقلەشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ جاۋابكار ش**،جاۋابكار ج** قاتارلىقلارنى ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قاراپ،2021–يىلى01–ئاينىڭ23–كۈنى مەھكىمىمىزگە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلۇ ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن،2021-يىلى 01-ئاينىڭ 23-كۇنى جاۋابكارغا قانۇندا بەلگىلەنگەن  ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى يەتكۈزدۇق،2021-يىلى 02-ئاينىڭ 04–كۇنى دىجورنى ئادۋوكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا، جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا يەڭگىللىك بىرىش تۈزۈمى ۋە جىنايتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتىراپنامىسىنى يەتكۇزدۇق،جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ،شۇنداقلا دېلو ماتىرياللىرىنى ئومۇميۇزلۇك تەكشۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق جاۋابكار ش**،جاۋابكار ج** جىنايەت پاكىتىنى تۆۋەندىكىدەك تۇراقلاندۇردۇق:

 2020-يىلى10-ئاينىڭ7-كۇنى كەچ سائەت21لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار ش**،جاۋابكار ج** بىرلىشپ ئوغۇرلۇق قىلىش مەقستدە، شىخو شەھەرلىك ** كوچىسى**-نومۇرلۇق ئۆيگە تامدىن ئارتىلىپ كىرىپ، زىيانلانغۇچى گ**نىڭ جەمئي باھاسى 1025يۇەن بولغان 41دانە كەپتىرنى خالىتغا سېلىپ ئوغۇرلاپ چىقىپ، بۇ كەپتەرلەرنى 1000يۇەنگە ئا**سېتپ بەرگەن.(37دانە كەپتەر  ئىگىسگە قايتۇرۇلغان.)

يۇقارقى جىنايەت پاكىتىنى جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،نەق مەيدان تەكشۇرۇش خاتىرسى ۋە سۇرەتلىرى، نەق مەيدان تۇنۇتۇش خاتىرسى ۋە رەسملىرى،مال باھا ئىدارسىنىڭ باھالاش يەكۇنى قاتارلىق دەللىل –ئسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

    جاۋابكار ش**،جاۋابكار ج** جىنايتىنى تونۇپ ، جازانى قۇبۇل قىلغان  ھەمدە دىلونى تېز بىر تەرەپ قىلىشقا قوشۇلغان .

    مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ : جاۋابكار ش**،جاۋابكار ج**نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىشنى مەقسەت قىلىپ،باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق مۇلكىگە دەخلى تەرۇز قىلىپ،ئىقتسادىي زىيان پەيدا قىلغان ھەرىكتى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگلىمىسگە خىلاپ بولۇپ ئوغۇرلۇق جىنايىتىنى شەكىللەندۇرگەن؛ دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل –ئسپاتى تولۇق. جاۋابكار ش** ئۆزىنى مەلۇم قىلغان،جاۋابكار ش** بىلەن جاۋابكار ج** تەكىرار جىنايەتچى،شۇڭا جاۋابكار ش**نىڭ  جىنايى جاۋابكارلىقنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا 65-ماددا ،67-ماددابەلگلىمىسى بۇيىچە سۈرۈشتۇرۇشكە تېگىشلىك، جاۋابكار ج**نىڭ جىنايى جاۋابكارلىقنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا 65-ماددا بۇيىچە سۈرۈشتۇرۇشكە تېگىشلىك دەپ قاراپ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ 176–ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە سوتىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق ، قانۇن بويىچە جازا بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن :

شىخۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش: مۇھەببەت خەمىت

2021-يىلى 02–ئاينىڭ 08–كۈنى

ئەسكەرتىش:

1.​ جاۋابكار ش** شىخۇ شەھەرلىك ج  خ ئىدارسى قاماقخانسىدا، 

2.​ جاۋابكار ج** كېپىلگە بېرىلگەن.ئالاقىلىشش نۇمۇرى :**.

3.دىلۇ ماتىريالى2توپلام ،قاماش رەسميىتى 1پارچە، ئەيىپلەشنامە 13 پارچە،جازا ئۆلچەش پىكىرنامسى 2پارچە،ئاددىي تەرتىپ قوللىنش پىكىرنامسى 1پارچىدىن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top