شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئى ر ت 1-ب (2020) 37- نومۇرلۇق
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
1. جاۋابكار خ****، ئەر، قازاق، 1979-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 2515********652302 نۇپۇستىكى ئادرىسى : شىجاڭ ** شەھىرى ** يىزىسى ** باغچىسى **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يەككە تىجارەتچى، ئىلگىرى جازالانمىغان، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسى ۋە تامغىسىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېلىش، ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى 04-ئاينىڭ 20-كۈنى كىپىلگە بېرىلگەن. مەھكىمىمىز تەرىپىدىن 2020-يىلى 04-ئاينىڭ 20-كۈنى قايتا كىپىلگە بېرىلگەن.
2. جاۋابكار س****، ئەر، ئۇيغۇر، 1980-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 2614 ********652101، نۇپۇستىكى ئادرىسى: تۇرپان شەھەر ** رايون ** يىزا ** كەنىت **-گۇرۇپپا ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسى ۋە تامغىسىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېلىش، ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى 04-ئاينىڭ 20-كۈنى كىپىلگە بېرىلگەن. مەھكىمىمىز تەرىپىدىن 2020-يىلى 04-ئاينىڭ 20-كۈنى قايتا كىپىلگە بېرىلگەن.
ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار خ****، س****نىڭ دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسى ۋە تامغىسىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېلىش، ئېلىپ-سېتىش پەيدا قىلىش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 04-ئاينىڭ 15-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارلارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇرۇپ ۋە ئۇلارنى قانون بويىچە سوراق قىلدۇق، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.
مەھكىمىمىز قانون بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن جىنايى پاكىت تۆۋەندىكىچە :
2018-يىلى 11-ئايدىن 2019-يىلى 3-ئاينىڭ باشلىرىغىچە بۇلغان ئارلىقتا، جاۋابكار س**** تۇرپان شەھەر ** رايون ** يىزا ۋە ** يىزىسدا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ئا****، ئە****، ئا****، ق****، س****، پ****، ئۈ ****قاتارلىقلارغا يول تىرانسىپوت كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش لايەقەتلىك كىنىشكسى بىجىرىپ پايدا ئىلىش مەقسىتىدە ھەر بىر ئادەمدىن 2500 يۈەندىن جەمئىي 17500 يۈەن پۇل يىغىپ، 14000 يۈەن پۇلنى ھ**** (ئايرىم بىر تەرەپ قىلىندى) ئارقىلىق جاۋابكار خ****گە ئەۋەتىپ بەرگەن، جاۋابكار خ**** پايدا ئىلىش مەقسىتىدە توردا ناتۇنۇش ئايال ئارقىلىق يەتتە دانە ساختا يول تىرانسىپوت كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش لايەقەتلىك كىنىشكسىنى بىجىرىپ، جاۋابكار س**** 3500 يۈەن، خ**** 2800 يۈەن پايدا ئالغان ھەمدە جاۋابكار س**** ئارقىلىق يۇقارقى يەتتە ئادەمگە كىنىشكىنى يەتكۈزۈپ بەرگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۇرپان شەھەر يول تىرانسىپورت ئىدارىسى رىمونت قىلىش، تەربىيلەش باشقارمىسىدا ئا**** قاتارلىق يەتتە نەپەر ئادەمنىڭ يول تىرانسىپورت كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش لايەقەتلىك كىنىشكىسى بىجىرمىگەنلىكى ئىسپاتلاندى.
دېلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋابكار خ****، س****نىڭ جىنايتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى ياخشى، جىنايى قىلمىشىنى ئاكتىپلىق بىلەن تاپشۇرىدۇ.
يۇقارىقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن : دېلو مەلۇم قىلىش جەدىۋىلى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، تۇرپان شەھەر يول تىرانسىپورت ئىدارىسى رىمونت قىلىش، تەربىيلەش باشقارمىسىنىڭ ئىسپاتى، تونۇتۇش خاتىرىسى، تۇتۇپ قىلىنغان بويۇملار تىزىملىكى قاتارلىقلار بار.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋابكار خ****، س****نىڭ دۆلىتىمىز قانونلىرىنى كۆزگە ئىلماي، قانۇنسىز پايدا تېپىش مەقسىتىدە، باشقىلارغا ساختا يول تىرانسىپوت كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش لايەقەتلىك كىنىشكسىنى ياساپ ساتقان قىلمىشىدىن دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسى ۋە تامغىسىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېلىش، ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تولۇق. جاۋابكارلارنىڭ جىنايتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى ياخشى، جىنايى قىلمىشىنى ئاكتىپلىق بىلەن تاپشۇرىدۇ. جاۋابكار خ****، س****نى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى» 280-ماددىسى، 67-ماددىسى 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازالاش كېرەك. جاۋابكار خ****، س****نىڭ دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسى ۋە تامغىسىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېلىش، ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە مۇددەتلىك بىر يىلدىن يۇقىرى ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇش تەكلىپىنى بىرىمىز. شۇڭا، جاۋابكار خ****، س****نى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانون بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش : رابىگۈل تۇرسۇن
2020-يىلى 05-ئاينىڭ 11-كۈنى
قوشۇمچە:
1. بۇ دېلو 3 توپلام بەت.
2. جاۋابكار خ****، س**** كېپىللىكتە،
3. دېلونىڭ بارلىق ئارخىپ ماتىرياللىرى بىلەن 13 پارچە ئەيىپنامە، بىر دانە پىلاستىنكا بىرگە يوللاندى.
4. جاۋابكار خ****، س****نىڭ تۆۋىنامىسى بىر نۇسخا.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论