欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(胡某某诈骗案)(公开版)

2021-09-21 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                ئا ش ت ئەيىبلەش (2020)  485 -نۇمۇرلۇق

     ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

 جاۋاپكار خۇXX، ئايال، ئۇيغۇر، 24 ياش،كىملىك  نومۇرى: 6529251995XXXXXXXX، يۇرتى ئاقسۇ ۋىلايىتى XX ناھىيسى ، توختۇتۇلۇشتىن بۇرۇنقى ئولتۇرقى: XX ناھىيسى XX يىزا XX كەنىت  XX-گورۇپپا، XX-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئالى تىخنكوم مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئىلگىرى جازالانمغان. 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۇنى ئالدامچىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيۇنچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بىلەن قولغا ئېلىنغان.

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەمدە ئاقلىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى. 

   قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

1-قېتىم: جاۋاپكار خXX 2017-يىلى 11-ئاينىڭ باشلىرىدا ئاقسۇ شەھەر XX مەيدانى <XX كىيىم -كىچەك دۇكىنى> دا ئىشلەيدىغان زىيانلانغۇچىXX بىلەن تۇنۇشۇپ قىلىپ، زىيانلانغۇچى XXغا يالغاندىن ئۆزىنىڭ ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسدا ئىشلەيدىغانلقىنى ئىيتىپ زىيانلانغۇچى XXنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇش باھانىسى بىلەن 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈندىن 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنىگچە ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ زىيانلانغۇچى XXنىڭ جەمئى 34458 يۈەن پۇلىسىنى ئالداپ ئېلۋالغان. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

   2-قېتىم: جاۋاپكار خۇ XX 2018-يىلى 4-ئايداXX سودا شەھەرچىسى <XX> تېرە ئاسراش ئورنىدا زىيانلانغۇچى دىلXXن بىلەن تۇنۇشۇپ قېلىپ، دىXXغا ۋۇخەن ھەربى ئىشلار ئىقتىساد ئىنىستۇتىنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ھەل قىلىپ بېرىمەن دەپ، 2018-يىلى 9-ئاينىڭ باشلىرىدىن 2018-يىلى 11-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان ئارلىقتا زىيانلانغۇچى د  XXنىڭ جەمئى 56480 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، كېيىن 2700 يۈەن پۇلنى قايتۇرۇپ بەرگەن،53780 يۈەن پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمىگەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

    يۇقارقى پاكىتنى جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى، يازما ئىسپات، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

مەھكىمىمىز جاۋاپكار خۇ XXىننىڭ يۇقارقى قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266– ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جاۋاپكارنىڭ جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق.

جاۋابكار خۇXX قىلمىشىنى تۇلۇق ئىقرار قىلىپ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلىدى ۋە بېرىلىدىغان جازاغا قايىل بولدى، شۇڭا ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن 4 يىلدىن 4 يىل 6 ئايىغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىپ قۇشۇمچە 45000 يۈەن ئىشتىراق قۇيۇش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا،  176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.

                                تەپتىش: جۈرئەت ئابلەت

              ئايجامال ئابدۇراخمان

                       2020-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى

ئىزاھات:

1.​ جاۋابكار ھازىر ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

1.​ 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top