温宿县人民检察院
起 诉 书
温宿县检一部刑诉〔2020〕441号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئو ت ئەيىبلەش (2020) -نومۇرلۇق
جاۋابكار تۇ xx، ئەر، ئۇيغۇر، 1997-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى توغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xxxxxxxx6529011997، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، xx ناھىيە xx يېزا xx كەنت xx-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، ساتراچ، 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۈچۈن ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 1 يىل 3 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارسى تەرپىدىن ئوغورۇلۇق جىنايىتگە چېتشلىق دەپ قارىلىپ جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ جاۋابكار تۇ xx نى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلسا كىلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، زىيانلانغۇچىغا داۋا جەريانىدىكى ھوقۇق مەجبۇريەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋابكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋابكار دېلونى ئاددى تەرتىپىنى قولىنىشقا قوشۇلىدۇ.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە؛
جاۋابكار تۇ xx 2020–يىلى 4–ئاينىڭ 5–كۈنى كەچ سائەت 22:00 ئەتراپىدا ئا xx بىلەن ئىشتىن چۈشۈپ ھاراق ئىچىش ئۈچۈن ئۇنسۇ ناھىيە ئىشلەمچى يېزا 9–كەنىتكە ھاراق سېتۋالغىلى بارغان، ئۇلار بىرلىكتە ھاراق سېتىۋېلىپ، ئۇنسۇ ناھىيە ئىشلەمچى يېزا 9–كەنىتكە ئىش ئورنىدىكى ياتاققا قايتىپ كېلىپ ئىككىسى بىللە ھاراق ئىچىپ تەخمىنەن 23:30 ئەتراپىدا ئا xx مەس بۇلۇپ قېلىپ ئۇخلاپ قالغان پۇرسىتىدىن پايدىلنىپ ئا xx نىڭ تىلفۇنىنى ئېلىپ ھاراق ئىچكەن ياتاقتا ئولتۇرۇپ ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم ئا xx بىلەن دۇكاندا نەرسە سېتۋالغاندا كۈرۈپ ئىسىدە ساقلىۋالغان ئا xx نىڭ تىلفۇن ۋە ئۈندىدار پۇل تۆلەش مەخپى نۇمۇرىنى ئىسىدە قالغان بويىچە سىنىغاندىن كىيىن ئا xx نىڭ تىلفۇن ۋە ئۈندىدارىنىڭ پۇل قاپچۇقى ئېچىلغان، جاۋاپكار تۇ xx ئا xx نىڭ تىلفۇندىن پايدىلنىپ ئا xx نىڭ ئۈندىدارغا باغلاقلىق بانكا كارتىستىن ئا xx نىڭ ئۆزىنىڭ ئۈندىدار پۇل قاپچۇقىغا 2020–يىلى 4–ئاينىڭ 6–كۈنى سائەت 00:20 دىن 2020–يىلى 4–ئاينىڭ 6–كۈنى 2:33 مىنۇت بولغىچە ئارلىقتا ئىلگىر–كىيىن بۇلۇپ جەمئى 36767 يۈەن پۇلنى يۆتكىۋالغان ،بۇنىڭ ئىچىدە قىزىل بولاق ئېتىش ئۇسۇلىنى قولىىنىپ 44 قېتىمدا 7740 يۈەن پۇلنى، پۇل ئاغدۇرۇش ئۇسۇلنى قوللۇنۇپ تەخمىنەن 10 قېتىمدا 29050 يۈەن پۇلنى جەمئىى 36767 يۈەننى پۇلنى ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىغا ئوغۇرلۇقچە يۆتكىۋالغان، 2020–يىلى 4–ئاينىڭ 6–كۈنى چۈش سائەت 13:30 ئەتراپىدا ئىش ئورنىدىن رۇخسەت سوراپ ئاقسۇ قارتال بازار ئىچىدىكى شىنكەيلى تاللا بازىرىغا كىرىپ 25400 يۈەننى نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇپ ئاقسۇ شەھىرى xx بازار xx كەنىت xx–مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق تاغىسى ر xx نىڭ ئۆينىڭ يېنىدىكى مال قوتىننىڭ تېمىنىڭ بۇلۇڭغا كۈمۈپ قويغان ،ئۈندىدار ئارقىلىق يۆتكىگەن پۇلدىن 7000يۈەن پۇلنى جاۋاپكار تۇ xx 24سائەت ئىچىدە ئېلىشقا ئۈلگۈرمەي ئا xx نىڭ ئۈندىدارىغا قايتىپ كەلگەن ،دىلو پاش بولغاندىن جاۋاپكار تۇ xx تىقىپ قويغان 25400يۈەن ۋە 24سائەت ئىچىدە قايتىپ كەلگەن 7000يۈەن بۇلۇپ ئۇمۇمىي زىيان 36767يۈەندىن 32400يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلگەن، 4367 يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن .
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئۇيغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار تۇ xx نىڭ قانۇنسىز ئىگىلۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ ئۈندىدارىدىكى پۇلنى يۇشۇرۇن ئېلۋالغان قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش، پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جاۋابكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا .65-ماددا بەلگىلمىسى بويىچە جىنايى جازا بېرىش زۆرۈر. جاۋابكار تۇ xx نىڭ جىنايىتىنى تونۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسى بويىچە يىنىكلىتىپ جازا بىرىشكە بولىدۇ، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن جاۋابكار تۇ xx نى مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: پاتىگۈل ياسىن
تەپتىش : كېرەمجان ئۆمەر
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى
قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، 1 توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى، 3 جازا ئۆلچەش تەكلىبنامىسى، «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخنامىسى» ۋە ئاددىي تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋابكار تۇ xx ھازىر ئائىلىسدە كېپىلدە،
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论