ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۈ ش ت ت 1-※بۆلۇم ج ئە چىقىش (2020)93–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار تۇ**، ئەر، ئۇيغۇر، 1987-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى: ********6501021987، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئادرىسى: **شەھەر **رايۇنى **يولى **-نومۇر **-بىنا **-كورپۇس **-ئۆي. ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: **شەھەر **رايۇنى **يولى**-بىنا **-نومۇرلۇق ئۆيدە. بۇ قېتىم زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020 -يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىز زەھەر ئېلىپ- سېتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ ئاينىڭ 17-كۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار تۇ**نىڭ زەھەر ئېلىپ-سېتىش دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 5–ئاينىڭ 15-كۈنى قايتا قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋابكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى .
دىلونى 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى بىر قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار تۇ** 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 21:30لەر ئەتىراپىدا **شەھەر **يولى** رىستۇرانى ئەتراپىدا باشقىلارغا 5 كىچىك بولاق ناتاشانى 500 يۈەنگە ساتقان، زەھەر سېتىۋالغۇچى شۇ كۇنى تۇتۇلغاندىن كېيىن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى **شەھەر **رايۇنى **يولى ** رىستۇرانىنىڭ يىنىدىن جاۋابكار تۇ**نى تۇتقان.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر تەكشۈرۈش مەركىزى(2020)003 نومۇرلۇق زەھەر تەكشۈرۈش دوكىلاتنامىسىدا، تەكشۈرۈشكە ئەۋەتكەن 2020003-1، 2020003-2، 2020003-3، 2020003-4، 2020003-5، 2020003-6 نومۇرلۇق ئەۋرىشكە ماتىرىيالىنىڭ ھەمىسىدىن ADB-FUBINACA (ناتاشا) تەركىبىنىڭ بارلىقىنى تەكشۈرۈپ ئىنىقلانغان بولۇپ ئېغرلىقى3.233گىرام دەپ باھالىغان.
جاۋابكار تۇ** 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى **شەھەر **يولى **رىستۇرانى ئەتراپىدا قارلىغاچلىق يولى ساقچىخانىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1 . يازما ئىسپات: جاۋابكار تۇ**نىڭ نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى؛
2. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى: گۇۋاھچى ئا**،ق**، ئە**، رۇ**، گاۋ**، ئۇ**لارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛
3. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى: جاۋابكار تۇ**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
4. باھالاش پىكرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى؛
5. ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى: ئاختۇرۇش خاتىرىسى، دېلوغا چېتىشلىق زەھەرلىك بۇيۇمدىن ئەۋرىشكە ئېلىش، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش خاتىرىسى؛
6. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى، مۇناسىۋەتلىك سۆرەتلەر.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقىي بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق ھەمدە ئۆزلىگىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار تۇ**نىڭ پايدا تېپىش مەقسىتىدە، باشقىلارغا زەھەرلىك بويۇم ساتقان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347–ماددىسىنىڭ 1-، 4-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن
تەپتىش ياردەمچىسى:مەردان ھۈسەنجان
2020–يىلى 6–ئاينىڭ 10-كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋابكار ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك1-قاماقخانىدا قاماقتا:
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش دېلو ماتىرىيالى 2 توپلام بىرگە يوللاندى.
3.ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى ۋە جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى.
4.جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论