欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(自然人犯罪认罪认罚)(布某某交通肇事案)(公开版)_温宿县人民检察院

2021-09-21 独角龙 评论0

温宿县人民检察院 

起 诉 书

温宿县检一部刑诉〔2020〕647号 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                    ئو ت ئەيىبلەش (2020)647-نۇمۇرلۇق

جاۋابكار بۇ xx، ئايال، ئۇيغۇر، 1970-يىلى  xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xxxxxxxx6529221970، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنيەت سەۋيسىگە ئىگە، دىھقان، ئۇنسۇ ناھىيە xx بازار xx كەنتى xx-مەھەللە xx-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ئونسۇ ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسىسى جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن.

ئونسۇ ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ جاۋابكار بۇ xx چېتىشلىق قاتناش ھادىسىسى دېلوسىنى 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق؛ زىيانلانغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋابكار؛ نۆۋەتچى ئادۋوكات ۋە زىيانلانغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دېلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق.

تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

 جاۋابكار بۇ xx 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 9 دىن 9 مىنۇت ئەتىراپىدا، 新电NPxxxx نومۇرلۇق ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتنى ھەيدەپ، جەنۇپتىن شىمال يۆلىنىشىدە يول يۈرۈپ، ئۇنسۇ ناھىيە xx بازار xx كەنتى xx-مەھەللە يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شىمالدىن جەنۇپ يۆنىلىشىدە زىيانلانغۇچى ساۋۇت مامۇت ھەيدىگەن xxxx 新NK نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتۇسىكىلىت بىلەن سۈركىلىپ كىتىپ، زىيانلانغۇچى سا xx ھەيدىگەن xxxx 新NK نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق مۇتۇسىكىلىت كۇنتورۇللىقىنى يۇقۇتۇپ، غەرىپتىن جەنۇپ يۆلىنىشتە يول ئېغىزدىن چىقىۋاتقان رۇزى ھۇشۇر ھەيدەپ ماڭغان 新电NPxxxx نومۇرلۇق ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتقا سوقۇلۇپ كەتكەن، نەتىجىدە سا xx ئېغىر زەخمىلەنگەن.

ھادىسە يۈز بەرگەندىن كىيىن جاۋابكار بۇ xx ئۆزى ھەيدىگەن توكسىكلىت بىلەن زىيانلانغۇچى سا xx ھايدىغان موتوسىكلىتنىڭ سۈركىلىپ كەتكەنلىگىنى بايقىغان ھەم روزى ھوشۇرنىڭ جاۋاپكارنى توۋلىغانلىغىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، يەنىلا نەق مەيداندىن ئايرىلىپ كەتكەن. ھادىسدە جاۋاپكارغا بارلىق مەسئۇلىيەت بېكىتىلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى، باھالاش پىكىرى، ئۈن-سىن ماتېرىيالى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.جاۋابكارنىڭ ئەيىبلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىگىدىن گۇناھىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزمۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار بۇ xx نىڭ قاتناش-تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ ھادىسە تۇغدۇرۇپ، بىرئادەمنىڭ ئېغىرزەخمىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بولۇپ ، قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، جاۋابكارنىڭ قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر.

   جاۋابكار گۇناھىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، شۇڭا جاۋابكارغا جازا بەرگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلاردەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاپ يىنىك بىرتەرەپ قىلىشقا بۇلىدۇ. 

قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن جاۋابكار بۇ xx غا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا1-تارماقتىكى بەلگۈلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىش زۆرۈر، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

                    ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

                                  تەپتىش: خالمۇرات ئىسلام

                                 پۈتۈكچى:   تاھىر تۇنىياز

 

                              2020-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى

 قۇشۇمچە:

(1) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. (2) 8 نۇسقا ئەيىبنامە، 3 نۇسقا جازا ئۆلچەش تەكلىبى،

1نۇسقادەلىل-ئىسپات تىزىسى، 1نۇسقا «جىنايىتنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى» ،قوشۇمچە ھەقتەلەپ دەۋائەرزى، 1 توپلام ج خ دېلو ئارخىبى بىرگەيەتكۈزۈلدى.

    (3)زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلەتاۋاباتىنىڭ قوشۇمچە ھەقتەلەپ دەۋاسى بار.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top