欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(自然人犯罪认罪认罚)(开某某盗窃案)(公开版)_温宿县人民检察院

2021-09-23 独角龙 评论0

温宿县人民检察院 

起 诉 书

温宿县检一部刑诉〔2020〕578号 

ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                     ئۇ ت ج ئى چىقىش [2020] 548-نۇمۇرلۇق

جاۋابكار قە xx، ئەر، 1998-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: xxxxxxxx65290119981، ئۇيغۇر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، xx شەھىرى xx كىچىك بازىرى xx-رايۇن xx-بىنا xx-ئىشىك xx-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايتى بىلەن مۇددەتلىك 6 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلنغان. 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن قانۇن بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق قولغا ئىلىنغان.

ئۇنسۇ ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار قە xx چېتىشلىق ئوغۇرلۇق دېلوسىنى 2020-يىلى 10–ئاينىڭ 3–كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 4–كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كىلىپ چىقىش ئىھتىماللىغى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇختۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دېلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋابكار دېلونى ئاددى تەرتىپتە قاراپ چىقىشقا قۇشۇلدى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشمىزچە: 

2020-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جاۋابكار قە xx قىز دوستى ئا xx بىلەن بىرگە ئا xx نىڭ ئىككى چاقلىق توكسىكلىتنى ھەيدەپ، ئونسۇ ناھىيە جام بازىرى توڭتۇر كەنىت 2-مەھەللىدىن ئورمان مەيدان بازار ئىچىگە كەلگەندىن كىيىن، ئوغۇرلۇق قىلش مەقسىتىدە قىز دوستى ئا xx نى ئورمان مەيدان بازار ئىچىدىكى ساتىراچخانىنىڭ ئالدىغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، ئۆزى يالغۇز ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتىنى ھەيدەپ، جام ئورمان مەيدان بازار ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق تۇ xx نىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتىنى تۇ xx نىڭ ئۆيىدە توكقا چېتىپ قويغاندىن كىيىن، ئۆزى يالغۇز پىيادە زىيانلانغۇچى تۇ xxxنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەتىراپنى كۆزىتىپ، ئۆيدە ئادەم يوقلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن، زىيانلانغۇچى تۇ xxx نىڭ ھويلىسنىڭ دەرۋازىسىدىن ئارتىلىپ ھويلىغا چۈشۈپ، ھويلىنىڭ ئىچىدىكى ئۆينىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كىيىن، مىھمانخانىنىڭ سول شىمال تەرىپىگە جايلاشقان ياتاق ئۆينىڭ ئىچىدىكى سېرىق رەڭلىك ياغاچ ساندۇقنىڭ قۇلپىسنى شۇ مىھمانخانا ئۆينىڭ ئىچىدىكى تۆمۈردىن ياسالغان زىق بىلەن قايرىپ ئېچىپ، ئىچىنى ئاختۇرۇپ، شۇ ياغاچ ساندۇقنىڭ ئىچىىدىكى قەلەي قاپچۇقنىڭ ئىچىدىن 14040 يۈەن قىمتىدىكى ئۈچ تال سېرىق ئالتۇن ئۈزۈك، بىر جۈپ ئالتۇن ھالقا، بىر تال ئالتۇن زەنجىر بۇلاپكا قاتارلىق ئالتۇن زىبۇ زىنەتلەرنى ئوغۇرلاپ كەتكەن. 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كىيىن، جاۋابكار قە xx ساۋاقدىشى مى xx بىلەن تىلفۇندا ئالاقىلىشىپ ئاقسۇ شەھىرى ۋاڭسەن كوچىسىدا كۆرۈشكەندىن كىيىن، مى xx غا «مەن بۇ ئالتۇن زىبۇ زىننەتنى ئىلگىرى قىز دوستۇمغا ئالغان، ھازىر تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالدۇق، بۇ ئالتۇن زىبۇ زىننەتنى ئالتۇن دوكىنىغا ئەكىرىپ ساتاي دىسەم، ئالتۇن دۇكىنىدىكلەر كىملىكنى تىزىملايدىكەن، مىنىڭ كىملىكىم يوقتى، شۇڭا سەن ماڭا سېتىپ بەرسەڭ» دەپ، مى xx ئارقىلىق يۇقارقى ئوغۇرلىغان ئالتۇن زىبۇ-زىننەتنىڭ ئىچىدىكى بىر تال ئالتۇن زەنجىر بۇلاپكا بىلەن بىر تال ئالتۇن ئۈزۈكنى ئاقسۇ شەھىرى ۋاڭسەن كوچىسىدىكى گۈلدىيار ئالتۇن دۇكىنىغا ئاپىرىپ 6590 يۈەنگە سېتىۋەتكەن. 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى، جاۋابكار قە xx ئۆزىنىڭ ئوغۇرلۇق قىلغان قىلمىشىنىڭ تۇ xx ۋە ئا  xx قاتارلىقلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن، 7-ئاينىڭ 14-كۈنى جام ئورمان مەيدان بازار ئىچىگە بېرىپ ئوغۇرلىغان ئالتۇن زىبۇ زىننەتنىڭ ئىچىدىكى ئىككى تال ئالتۇن ئۈزۈك بىلەن بىر جۈپ ئالتۇن ھالقىنى قىز دوستى ئا xx ئارقىلىق تۇ xx غا قايتۇرۇپ بەرگەن. دېلو پاش بولغاندا زىيان ئەسلىگە كەلگەن.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راسىت، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىگىدىن گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار قە xx نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقستىدە، باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى يۇشۇرۇنچە ئېلىۋلغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا 1-تارماق بەلگۈلمىسىگە خىلاپ بولۇپ قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ھەم راسىت، جاۋابكارنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۈرۈر. جاۋابكار گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن يىنىكلىتىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنىڭ دەخلى تەرۇزغا ئۇچۇرماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكار قە xx غا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق، 264-ماددا 1-تارمىقىدىكى بەلگۈلىمە بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۈرۈر. شوڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز. 

   ئۇنسۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

                     باش تەپتىش: مەمەت تۇنياز

                      پۈتۈكچى: تاھىر تۇنياز

                     2020-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى

【قۇشۇمچە】: (1) جاۋابكار قە xx ئائىلىسىدە كېپىلدە. (2) بىر توپلام دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل-ئىسپاتلار. (3) «گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخىتى» بىر نۇسخا (4) «جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى» بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top