ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۈ ش ت ت 1-ب ج ئە (2020) 90–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار رە** ئەر، ئۇيغۇر، 1998-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى **شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6501021998، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسىپى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: **شەھىرى **رايۇنى **كۇچىسى **-نۇمۇر قۇشۇمچە **-نۇمۇر، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: **شەھىرى **رايۇنى **جەنۇبى يولى **-نۇمۇر **-زال **-ئۆي. ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلغان، شۇ ئاينىڭ 25-كۈنى مەھكىمىمىز ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن جاۋابكارنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ ئاينىڭ 26-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار رە**ىڭ ئوغرىلىق دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 1–ئاينىڭ 23-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئېتراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇكات) نىڭ پىكرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. ئارلىقتا دىلونى ئىككى قېتىم تەھقىقلىگۈچى ئورگانغا تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2019-يىلى 11- ئاينىڭ 3- كۈنى كېچە سائەت بىرلەر ئەتراپىدا، جاۋابكار رە** **رايۇنى **يولى **زاۋۇتى ئەتراپىدىكى ئىككى مىنۇت تاللا بازىرى ئىچىدە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مە**نىڭ دىققەتسىزلىگىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ پۇل يىغىش ئۈستىلى ئۈستىگە قويۇپ قويغان ئالما ماركىلىق، XSMAX(256G) تىپلىق يانفۇنىنى ئوغرىلاپ چىقىپ كېتىپ، سېتىپ پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زاڭ مال ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان. تىيانشان رايۇنلۇق مال- باھا بېكىتىش مەركىزى ئوغرىلانغان يانفۇننىڭ قىممىتىنى 7000.00 يۈەن دەپ بىكىتكەن.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مە**نىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتىرىيالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛
2. گۇۋاھچى داس** قاتارلىقلارنىڭ گۇۋاھلىقى؛
3. جاۋابكار رە**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
4. تىيانشان رايۇنلۇق مال -باھا بېكىتىش مەركىزىنىڭ باھالاشنامىسى؛
5. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى، زاڭ مالنى تۇتۇپ قېلىش ۋە قايتۇرۇش تالۇنى قاتارلىقلار؛
يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ، ھەقىقى، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل- ئىسپاتلارغا قارىتا باشقا پىكرى يوق، ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئېتراپ قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار رە**نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، باشقىلارنىڭ كۆپرەك سوممىدىكى مال-مۈلكىنى ئوغۇرلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: ئايگۈل ئىمىن
تەپتىش ياردەمچىسى: سەمىجان سەمەت
2020–يىلى 6–ئاينىڭ 8–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋابكار ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1- قاماقخانىدا قاماقتا؛
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە ج خ دېلوسى 3 توپلام بىرگە يوللاندى.
3. جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخا، جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئېتراپ قىلىش تىلخېتىدىن بىر نۇسخىدىن يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论