欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(自然人犯罪认罪认罚)(阿布都沙拉木·吐尔逊盗窃案)(公开版)

2021-09-21 独角龙 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئۈ ش ت ت 1-بۆلۇم ج ئە چىقىش (2020) 82 –نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

    جاۋاپكار  ئا**، ئەر، ئۇيغۇر، 1997-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى  تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:********6540021997، باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتلىق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: **شەھەر **كوچا **-يان كوچا **نومۇر، ئۈرۈمچىدە مۇقۇم تۇرۇشلۇق ئورنى يوق.  2016-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى غۇلجا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن6 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلىپ، 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى قويۇپ بېرىلگەن. بۇ قىتم ئوغرىلىق جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قارىلىپ 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى مەھكىمىمىز ئوغىرلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ ئاينىڭ 11-كۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى  قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئا**نىڭ ئوغۇرلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى قايتا قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە  جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.

دىلونى 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى بىر قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇردۇق. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2019-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى جاۋابكار ئا**، ** سودا-سارىيىغا ئۆتىدىغان يەر ئاستى ئۆتۈشمە يولنىڭ چىقىش ئېغىزىدا زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى جۇاڭ **نىڭ دىققەتسىزلىگىدىن پايدىلنىپ چاپان يانچۇقىدىن 1350يۈەن قىمىتىدىكى بىر دانە قارا قاپلىق ئەتتىرگۈل رەڭلىك ئوپپۇ ماركىلىق R9plus تىپلىق تىلفۇننى ئوغىرلاپسېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن. زاڭ مال قايتۇرۇپ كېلىنمىگەن. 

   جاۋابكار ئا** 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى **شەھىرى **رايۇنى تۆمۇر يول ساقچىخانىسىنىڭ ھەمكارلىشىپ كونتۇرۇللىغىدا  تىيانشان رايۇنلۇق ج خ شۆبىسى جىنايى ئىشلار 2-ئەترەت تەرىپىدىن ئوغىرلىق جىنايىتى بىلەن تۇتۇپ كېلىنگەن.  

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. يازما ئىسپات: جاۋابكارئا**نىڭ نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى؛

2.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دىلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛

3. جاۋابكار ئا**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

4. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار:جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى؛ دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۇنى، جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى:

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلىشنى خالايدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئا**نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، شەخسلەرنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى مېلىنى يوشۇرۇن ئوغىرلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

                                                        تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن 

                        تەپتىش ياردەمچىسى:مەردان ھۈسەنجان  

2020–يىلى 6–ئاينىڭ 3–كۈنى

ئەسكەرتىش:

1.جاۋابكار ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا؛

     2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش ماتىرىيال توپلىمى3 توپلام بىرگە يوللاندى؛

     3.ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش تەكلىبى ۋەجازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى؛

    4.جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top