欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(自然人犯罪认罪认罚)(阿某某危险驾驶案)

2021-09-24 独角龙 评论0

توقسۇن ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

توقسۇن تەپتىش 1-بۆلۈم ئەيىپلەش (2020)123-نومۇرلۇق 

توقسۇن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

   جاۋاپكار ئا** ،ئەر،ئۇيغۇر،** 19-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان ،كىملىك نومۇرى:1514********652123، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان،  نوپوسى تۇرۇشلۇق جاي :توقسۇن ناھىيەسى ، توقسۇن ناھىيە**يېزا ** كەنت**-گۇرۇپپا **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق بۇرۇن جازالانمىغان. خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، 2020-يىلى 04-ئاينىڭ 19-كۈنى توقسۇن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن . 

     توقسۇن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ئا**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020 -يىلى 07-ئاينىڭ 7-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە سۇنغان، مەھكىمىمىز دېلو ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋاپكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى .

مەھكىمىمىز بېكىتكەن دېلو پاكىتى تۆۋەندىكىچە: 

2020-يىلى 04-ئاينىڭ 09-كۈنى سائەت 04:13لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار ئا** ھاراق ئىچىپ پىراۋىسىز ھالدا ***** 新Kنۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىننى ھەيدەپ توقسۇن ناھىيە غولبۇيى يېزا تۆت كوچىغا كەلگەندە ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ نەق مەيداندا تۇتۇلغان ھەمدە توقسۇن ناھىيە غولبۇيي يېزا شىپاخانىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ ،ئەدىليەلىك باھالاشقا ئەۋەتكەن.2020-يىلى04-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك تەكشۈرۈش باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) 1389- نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسدە ئا**نىڭ ھەر ml100 قېنىنىڭ تەركىبىدە mg 211 ئالكوگىل مىقدارى باردەپ باھالىغان .

    يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار:

1.جاۋابكارنىڭ نوپوس ئىسپاتلىقى، دېلونىڭ پاش بۇلۇش جەريانى قاتارلىق يازما ئىسپاتلار؛

2. جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى

3. باھالاش پىكىرنامىسى قاتارلىقلار.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ئا** شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار ئا**نىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە، پىراۋىسىز ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133–ماددىسىنىڭ 1-مەزمۇنىغا خىلاپ بولۇپ، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق ھەم راست بولۇپ، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك. جاۋابكار جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » 15-ماددىسىنى تەدبىقلاشقا تېگىشلىك . جاۋابكارغا 4 ئاي  تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ  قوشۇمچە 8000يۈەن شتراف قويۇش تەكلىپى بېرىمىز. 

« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسى 214-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن:

تەپتىش: مەمەت نىياز

                       2020-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى

قۇشۇمچە:

1.جاۋاپكار ئا** ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە؛

2. ج خ توپلىمى1 توپلام، تەپتىش توپلام 1 توپلام بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top