شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئو ت ئەيىبلەش (2020)653-نۇمۇرلۇق
جاۋابكار ياxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1988-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xxxxxx 6529221988، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئونسۇ ناھىيىسى xx يېزا xx كەنت5-مەھەللە 29-نومۇردا ئۇلتۇرۇشلوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. ئونسۇ ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسىسى جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2017-يىلى12-ئاينىڭ22-كۈنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن.
ئونسۇ ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ جاۋابكار ياxx چېتىشلىق قاتناش ھادىسىسى دېلوسىنى2020-يىلى12-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق؛ زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلە تەۋەسىگە دەۋاۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردۇق،جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋابكار؛ نۆۋەتچى ئادۋوكات ۋە زىيانلانغۇچنىڭ ئائىلە تاۋاباتىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دېلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق.جاۋابكار دىلونى ئاددى تەرتىپتە قاراپ چىقىشقا قوشۇلدى:
تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ياxx 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، شۈكۈنى سائەت 2دىن 30 مىنۇت ئەتىراپىدا新Nxxxx1 نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق مۇتۇسىكىلىتنى پىراۋسىز ھەيدەپ، ئونسۇناھىيە xx يېزا xx كەنتىن xx كەنتكە قاراپ،غەرىپتىن شەرىق يۆنىلىشتە يول يۈرۈپ، دۆلەت يولى G314لىنىيە981كىلۇمىتىر300مىتىرلىق يول بۆلىكى (ئۇنسۇ ناھىيە xx يېزاxx كەنت تەۋەلىكى) گە كەلگەندە، ئالدى تەرەپتە ئۆزى بىلەن ئوخشاش يۆنۈلىشتە پىيادە يول يۈرىۋاتقان زىيانلانغۇچى قۇxx بىلەن تۇxxغا سوقۇلۇپ كەتكەن،نەتىجىدە زىيانلانغۇچى قۇxx 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى داۋالاش ئۈنۇم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.
جاۋابكار ياxxنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى ئەدلىيىلىك باھالاش يەكۈنىدە قان تەركىۋىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 31mg/100ml ئىكەنلىگى بىكىتىلگەن.ھادسىدەجاۋابكار ياxxقا بارلىق مەسئۇلىيەت بىكىتىلگەن.
جاۋابكار ياxx زەخمىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكۈچى قۇxxنىڭ ئائىلەتاۋاباتى بىلەن تۆلەم كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ،تۆلەپ ئاخىرلاشتۇرغان ۋە ئۇلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن،تۇxxنىڭ داۋالىنىش چىقىمىنى تۆلەپ بەرگەن.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى، باھالاش پىكىرى، ئۈن-سىن ماتېرىيالى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.جاۋابكارنىڭ ئەيىبلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق،ئۆزلىگىدىن گۇناھىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزمۇنداق قارايدۇ:جاۋابكار ياxxنىڭ قاتناش-تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ ھادىسە تۇغدۇرۇپ،بىرئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بولۇپ ، قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست،جاۋابكارنىڭ قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر.
جاۋابكار گۇناھىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، شۇڭا جاۋابكارغا جازا بەرگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلاردەۋا قانۇنى» نىڭ15-ماددىسى،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاپ يىنىك بىرتەرەپ قىلىشقا بۇلىدۇ.
قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن جاۋابكار ياxxقا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا1-تارماقتىكى بەلگۈلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىش زۆرۈر،شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: خالمۇرات ئىسلام
پۈتۈكچى: تاھىر تۇنىياز
2020-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى
قۇشۇمچە:
(1) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
(2) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، 3 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىبى،1نۇسخادەلىل-ئىسپات تىزىسى، 1نۇسخا «جىنايىتنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى» ، 1 توپلام ج خ دېلو ئارخىبى بىرگەيەتكۈزۈلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论