温宿县人民检察院
起 诉 书
温宿县检一部刑诉〔2021〕13号
ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئو ت ج ئى چىقىش ( 2021) -نومۇرلۇق
جاۋابكار xx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، دېھقان، كىملىك نومۇرى: xx652922، تولۇق ئوتتورا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، xx، ئونسۇ ناھىيە xx بازىرى xx يولى xx-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق. ئىلگىرى جازالانمىغان، ئونسۇ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى بىرتەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بېرىلگەن.
ئونسۇ ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار xxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى بىلەن 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تونۇپ، قىلمىشنى ئىقرا قىلسا كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنىي ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق. جاۋابكارنىڭ ۋە نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار دېلونى تېز تەرتىپتە سوتلاشقا قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ئېxx 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە 新Nxxنومۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكلىتنى ھەيدەپ يول يۈرۈپ، دۆلەت يولى xx- لىنيە xx كىلومېتىر يول بۆلىكىگە كەلگەندە قارشى يۆلنىشتە تىيەن xx ھەيدىگە 吉Exx نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەن، قاتناش ھادىسىى يۈزبەرگەن، قاتناش باشقۇرۇش ساقچى چوڭ ئەترەت ساقچىلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ ئېxxنى ئونسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئېلىپ ئەدلىيلىك باھالالشقا يوللىغان.
شىنجاڭ خۇۋاتوڭ ئەدلىيلىك باھالاش مەركىزىنىڭ باھالاش پىكىرنامىسدە جاۋابكار ئېxxنىڭ قاندىكى ئىسپىرىت تەركىبى mg/100ml116.62دەپ يەكۈن چىقرىلغان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋالىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلۇنۇش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئۇيغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن گۇناھىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزمۇنداق قارايدۇ : جاۋابكار ئېxx ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇنىنىڭ 1- تارمىقىغا خىلاپ بولۇپ، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.
دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل -ئىسپاتى تولۇق ھەم راست،جاۋابكارنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر. جاۋابكار جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسى، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددا بەلگىلمىسگە ئاساسەن يېنىكلىتىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بۇلىدۇ. قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلشى ئۈچۈن، جاۋابكار ئېxxنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇنىنىڭ 1- تارمىقى بەلگۈلىمە بويىچە جازا بېرىش زۆرۈر. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش :پاتىگۈل ياسىن
پۈتۈكچى: تاھىر تۇنىياز
2021-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، 3 نۇسقا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى،بىر نۇسقا تېز تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامسى، بىر نۇسقا دەلىل ئىسپات تىزىسى ،بىرنۇسقا جىنايىتنى تۇنۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى،بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋابكار xx ھازىرئائىلىسىدەكېپىلدە، ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نومېرى: xx
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论