阿克陶县人民检察院
起 诉 书
阿克陶县检刑检刑诉〔2020〕180号
ئا ت جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش [2020]180-نومۇرلۇق
جاۋابكار ھxx، ئەر، ئۇيغۇر، 19**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 65302219******، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسپى دىھقان، نوپوس تۇرۇشلۇق ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: ** ناھيە ** بازىرى ** ھۆكىمەت يولى **-مەھەللە **-گۇرپا ***-نومۇر، ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان.
20**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش دىلوسى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن 20**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۇنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە .
** ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكارنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلاشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ ئالاقىدار بەلگىلمىسىگە ئاساسەن جاۋابكارغا دەۋادىكى ھوقوق-مەجبۇريەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق، «جىنايتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تۈزىمى» نىڭ قانۇننى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق، قانۇن بويىچە جاۋابكارنى سوراق قىلدۇق. بارلىق دېلو ماتىريالى، دېلونىڭ دەلىل ئسپاتى ۋە پاكتىنى كۆرۈپ چىقىپ، دىجۈرنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكاربىلەن «جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش» تىلختىنى ئىمزالاپ، جاۋابكارنىڭ قوشۇلىشى بىلەن مەزكۇر دىلوغا تىز ھۆكۈم چىقىرىش تەرتۋىنى قوللاندۇق.
تەكشۈرۈپ ئېنقلشمزچە :
20** –يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى سائەت** دىن**دە ھەزتىلى نۇر مەسىت قىلغۇچى ئىچىملىك ئىچىپ 新P***** نومۇرلۇق قىزىل رەڭلىك «خوندا » ماركىلىق ئىككى چاقلىق ئەرەنچە موتسىكلىتنى ** ناھيە ** ھۆكىمەت يولى **-كەنىت يول بۆلىكىدىن ** ناھيە ** ھۆكىمەت يولى **-كەنىت تەرەپكە قاراپ ھەيدەپ مېڭىپ ** ناھيە ** ھۆكىمەت يولى 6-كەنىت 8-مەھەللىگىچە خەتەرلىك ھەيدەپ كەلگەندىن كېيىن شۇ يەردە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ** ناھيە ج خ ئىدارىسى شەھەر ساقچىخانسى ساقچىلىرى تەرپىدىن بايقىلىپ، نەخ مەيداندا تەكشۇرۇش ئارقىلىق ھxxنى مەس قىلغۇچى ئىچىملىك ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن دىگەن گۇمان بىلەن **ناھيە خەلق دوختۇرخانسغا ئاپىرىپ قان ئەۋرشكسى ئالغان.
جاۋابكار ھxxنىڭ قىنى شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش ئورنىدا تەكشۈرۈلۈپ، شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ{20**} ****-نومۇرلۇق قاندىكى ئسپىرىت مىقدارىنى تەكشۈرۈش يەكۈندە گۇماندارنىڭ 100مىللىلىتىر قىنى تەركىۋىدە 165مىللىگىرام {165mg/100m} ئسپىرىت مىقدارى بار دەپ يەكۈن چىقىرلغان.
يۇقارىقى پاكتنى بېكتشدىكى دەلىل-ئسپاتلار تۆۋەندىكىچە :
يازما ئسپات.
جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى.
نەق مەيدان سۇرئىتى قاتارلىقلار.
مەھكىمىمىز : جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشدىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بەلگلمسىگە ئاساسەن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايتى شەكىللنىدۇ، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگشلىك دەپ قاراپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمەڭلارغا ئالاھىدە ئەيىپلىدۇق. مەھكىمەڭلارنىڭ بۇ دىلونى « تىز ھۆكۈم چىقىرىش تەرتۋى» بۇيىچە قاراپ چىقىپ، جاۋابكار ھxxغا ئۈچ ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش، قوشۇمچە 6000 يۈەن جىرىمانە قويۇش جازاسى بېرىشكە تەكلىپ بىرىمىز. جاۋاپكارغا قانۇن بويىچە جازا بېرشڭىزلارنى سورايمىز .
ھۆرمەت بىلەن :
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقتۇ ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
تەپتىش : مەمەتتۇرغان كىرىم
مۇۋەققەت تەپتىش: دىلشات ھاكىم
2020-يىلى 12- ئاينىڭ 10-كۈنى
ئىزاھات:
1- جاۋابكار ھازىر ئائىلسىدە كىپىلدە
2- جاۋاپكار ئاقلغۇچى تەكلپ قلىمدى .
3 - ئەيىپلەشنامىدىن 8 نۇسقا ج خ دىلوسى بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论