شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئو ت ئەيىبلەش (2020)582-نۇمۇرلۇق
جاۋابكار ئەxx ، ئەر، ئۇيغۇر، 1994-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xxxxxx 6529221994، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يۇق، ئاقسۇشەھىرى xxكوچىسى جەنۇبى xx كوچا900–نومۇر 1-گۇرۇپپا 86-نومۇرلۇق قورودا ئۇلتۇرۇشلوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. ئونسۇ ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسىسى جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ،2020-يىلى2-ئاينىڭ 23-كۈنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن.
ئونسۇ ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،جاۋابكار ئەxxچېتىشلىق قاتناش ھادىسىسى دېلوسىنى 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،2020-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا دەۋاۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق، زىيانلانغۇچنىڭ ئائىلە تاۋاباتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دىلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق.جاۋابكار دىلونى ئاددى تەرتىپتە قاراپ چىقىشقا قوشۇلدى.
تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ئەxx 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت20دىن50مىنۇتلارئەتىراپىدا ،新N4xxxx نومۇرلۇق كىچىك ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ يوليۈرۈپ،ئونسۇ ناھىيە xx بازىرىxxكەنت5-مەھەللە يول بۆلىكىگە كەلگەندە، ئالدى تەرەپتە پىيادە كىتىۋاتقان زىيانلانغۇچى ئاxxغا سوقۇلۇپ كەتكەن، زىيانلانغۇچى ئاxx زەخمىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن.
ھادسىدە جاۋابكار ئەxxگە ئاساسلىق؛زەخمىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكۈچى ئاxxغا قوشۇمچە مەسئۇلىيەت بىكىتىلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى،ئۈن-سىن ماتېرىيالى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.جاۋاپكارنىڭ ئەيىبلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق،ئۆزلىگىدىن گۇناھىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزمۇنداق قارايدۇ:جاۋابكار ئەxxنىڭ قاتناش-تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ ھادىسە تۇغدۇرۇپ،بىرئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بولۇپ ، قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى شەكىلىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست،جاۋاپكارنىڭ قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىغىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر.جاۋاپكار گۇناھىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ نىڭ15-ماددا، 67-ماددا 3-تارماقتىكى بەلگۈلىمىگە ئاساسەن يىنىكلىتىپ بىرتەرەپ قىلىشقابۇلىدۇ. قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار ئەxxگە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ133-ماددىسىدىكى بەلگۈلىمە بويىچە جىنايى جازابېرىش زۆرۈر.شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: كېرەم ئۆمەرئۈزگۈن
پۈتۈكچى:تاھىر تۇنىياز
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى
[قۇشۇمچە]: (1) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. (2) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، 3 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىبى،1نۇسخادەلىل-ئىسپات تىزىسى، 1نۇسخا «جىنايىتنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى» ،قوشۇمچە ھەقتەلەپ دەۋائەرزى، 1 توپلام ج خ دېلو ئارخىبى بىرگەيەتكۈزۈلدى.
(3)زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلەتاۋاباتىنىڭ قوشۇمچە ھەقتەلەپ دەۋاسى بار.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论