欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(自然人犯罪认罪认罚)(艾某某危险驾驶案)

2021-09-19 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى 

ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                            ئو ت ئەيىبلەش (2020)640-نومۇرلۇق

 جاۋابكار غەxx ئەر، ئۇيغۇر، 1981-يىلى xx-ئاينىڭxx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xxxxxx 6529221981، تولۇقسز ئوتتۇا مەكتەپ مەدەنيەت سەۋىيىسگە ئىگە، ئىشچى، ئاقسۇ شەھىرى xx يولى xx ئۇلتۇراق رايۇنى 12-بىنا1-كۇرپۇس 401-نومۇردا ئۇلتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ    2020-يىلى6-ئاينىڭ13-كۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.

ئونسۇ ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار غەxx چېتىشلىق خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى2020-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن2020-يىلى11-ئاينىڭ 19-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە گۇناھىنى تونۇپ، قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كىلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق،پۈتكۈل دېلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋابكار دېلونى تېزسوتلاش تەرتىۋىدە قاراپ چىقىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار غەxx 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت02دىن10مىنۇت ئەتراپىدا، مەسىت ھالەتتە،新Nxxxx3نومۇرلۇق ئاپتۇمۇبىلنى ئۇنسۇ ناھىيە xx كوچىسى ئۇنۋىرسال يېزا ئىگىلىك بازىرنىڭ ئالدىدىكى ئاپتۇمۇبىل تۇختۇتۇش مەيدانىدا ھەيدەپ ئاپتۇمۇبىل تۇختۇتۇش مەيدانىغا قۇيۇپ قۇيغان تاشقا سۇقۇلۇپ كەتكەندىن كىيىن شۇ ئەتىراپتا چارلاش ئېلىپ بىرىۋاتقان ساقچىلار جاۋابكار غەيرەت xxنىڭ ماشىنىسنىڭ ئالدى بىخەتەرلىك قاپقىغىنىڭ ساڭگىلاپ قالغانلىقىنى بايقاپ،  ماشىنىنى تۇختۇتۇشقا بۇيرىغاندا، جاۋابكار غەxx ماشىنىنى تۇختاتماي تەخمىنەن 2كىلۇمىتىردەك ھەيدەپ،ئۇنسۇ ناھىيە شىمالى ئازاتلىق يولى لىتۇڭ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

 جاۋابكار غەxxنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى ئەدلىيىلىك باھالاش باھالاش يەكۈنىدە قان تەركىۋىدىكى ئسپرىت مىقدارى mg/100ml213.30 ئىكەنلىگى بىكىتىلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى، باھالاش خۇلاسىسى،ئۈن-سىن ماتېرىيالى قاتارلىقلار بار.

  يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ. 

   مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار غەxxنىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتەموتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا  بەلگۈلىمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى شەكىلىنىدۇ.

دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق ،دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست،جاۋابكارنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىغىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر.جاۋابكار گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋاقانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگۈلىمىسى،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»    67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسى  بويىچە يىنىك جازابېرىشكە بولىدۇ.

   قاتناش بىخەتەرلىگى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىگىنىڭ دەخلى تەرۈزگە ئۇچۇرماسلىغىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكار غxxغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ133-ماددا بىرمەزمۇنى بەلگۈلىمىسىنىڭ 1-تارمىغى بويىچە جىنايى جازا بېرىش زۆرۈر،شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

                            ئونسۇ ناھىىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

                                      تەپتىش: كىرەم ئۆمەرئۈزگۈن

                                     پۈتۈكچى:  تاھىر تۇنىياز

                              2020-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى

[قۇشۇمچە]: (1) جاۋابكار غەxx ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە (2)8 نۇسخا ئەيىبنامە، 1 توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى، 3نۇسقاجازا ئۆلچەش تەكلىبى، 1نۇسقىدىن«جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» ۋە ھوقوق-مەجبۇريەت ئۇقتۇرۇشنامىسى ،1نۇسقا تېزسوتلاش تەرتىپنى قوللۇنۇش تەكلىبى قاتارلىقلار بىرگە يەتكۈزۈلدى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top