شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئو ت ئەيىبلەش (2020)633 -نومۇرلۇق
جاۋابكار شىرxx ، ئەر، ئۇيغۇر، 1996-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xxxxxx 6529221996، تولۇقسىز ئۇتتۇرا مەكتەپ مەدەنيەت سەۋىيىسگە ئىگە، شىنجاڭ ئۇنسۇ ناھىيە xx بازىرى xx كەنىت 1-مەھەللە 101-نومۇردا ئۇلتۇرۇشلۇق، دىھقان، ئىلگرى جازالانمىغان. 2020-يىلى6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئونسۇ ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.
ئونسۇ ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،جاۋابكار شىرxx چېتىشلىق خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن 2020-يىلى11-ئاينىڭ 20-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە گۇناھىنى تونۇپ، قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كىلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دېلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋابكار دېلونى تېزسوتلاش تەرتىۋىدە قاراپ چىقىشقا قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار شىرxx 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 03دىن03مىنۇت ئەتراپىدا، مەسىت ھالەتتە،پىراۋىسىز،新Nxxxx6نۇمۇرلۇق ئاپتۇمۇبىلنى ھەيدەپ ئۇنسۇ ناھىيە xx بازىرى xx كەنىت كۇمىتېتىنىڭ ئالدى يول بۆلىگىكە كەلگەندە ئاپتۇمۇبىلنى ئارقىغا ياندۇرۇش جەريانىدا پىيادە يول يۇرىۋاتقان قاxxنى سۇقۇۋەتكەن، بۇ ھادىسىدە شىرxxغا بارلىق مەسئۇلىيەت بىكىتىلگەن. جاۋاپكار شىرxxنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى ئەدلىيىلىك باھالاش يەكۈنىدە قان تەركىۋىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى mg/100ml111.38 چىققان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى، باھالاش خۇلاسىسى،ئۈن-سىن ماتېرىيالى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارلارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار شىرxxنىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگۈلىمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى شەكىلىنىدۇ.
دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق ،دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست،جاۋابكارنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىغىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر.جاۋابكار گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋاقانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگۈلىمىسى،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسى بويىچە يىنىكلىتىپ جازابېرىشكە بولىدۇ.
قاتناش بىخەتەرلىگى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىگىنىڭ دەخلى تەرۈزگە ئۇچۇرماسلىغىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكار شىرxxنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددابىرمەزمۇنى بەلگۈلىمىسىنىڭ 1-تارمىغى بويىچە جىنايى جازا بېرىش زۆرۈر. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئونسۇ ناھىىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: كىرەم ئۆمەرئۈزگۈن
پۈتۈكچى: تاھىر تۇنىياز
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى
[قۇشۇمچە]: (1) جاۋابكار شىرxx ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە (2) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، 1 توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى، 3 نۇسقاجازا ئۆلچەش تەكلىبى، 1نۇسقىدىن«جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» ۋە ھوقوق-مەجبۇريەت ئۇقتۇرۇشنامىسى ،1نۇسقا تېزسوتلاش تەرتىپنى قوللۇنۇش تەكلىبى قاتارلىقلار بىرگە يەتكۈزۈلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论