疏勒县人民检察院
起 诉 书
疏勒县检一部刑诉〔2020〕68号
يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
يې ت 1- تەپتىش بۆلۈم جىنايى ئىشلار (2020) - نومۇرلۇق
جاۋابكار: ياxxxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx- يىلى xx- ئاينىڭ xx- كۈنى تۇغۇلغان. ،كىملىك نومۇرى: 653122xx12؛ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، يېڭىشەھەر ناھىيە xx مەيداننىڭ ئىشچىسى.، ئاممىۋى. ، نوپۇس ئادىرىسى:نوپۇسى ۋە ئولتۇرقى : شىنجاڭ يېڭىشەھەر ناھىيە يېڭىشەھەرxx يولى xx- قورۇ بىر قەۋەتلىك ئۆي xx- كورپۇس xx- نومۇر. ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان. 2020- يىلى 01- ئاينىڭ 08- كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن كىپىلگە بىرىلگەن. ھازىر ئائىلىسىدە.
يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى بۇ دىلو ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، (2020) 61- نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق جاۋابكار ياxxxxنى ئوغۇرلۇق قىلىش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قاراپ، 2020- يىلى 04- ئاينىڭ 25- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. قانۇن بويىچە جاۋابكارنى سوراق قىلدۇق. جاۋابكار ۋە دىجۇرنى ئادۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار مەھكىمىمىزنىڭ ئاددى تەرتىپىنى قوللۇنۇپ قاراپ چىقىشىمىزغا قوشۇلدى. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ جىنايى قىلمىشى تۆۋەندىكىچە ئىنىقلاندى:
2019- يىلى 12- ئاينىڭ 30- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 23:00 لەر ئەتىراپىدا، جاۋابكار ياxxxx يېڭىشەھەر ناھىيە غالىبىيەت جەنۇبى يولى كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئالدىدىكى پىيادىلەر يولىدا توختۇتۇپ قويۇلغان زىيانلانغۇچى ئىxxنىڭ 3000 يۇەن قىممىتىدىكى «لۈيۆ» ماركىلىق، ئاپلىسىن رەڭلىك ئىككى چاقىلىق توكسىكىلىتىنى ئوغۇرلاپ، يېڭىشەھەر ناھىيە «زوئەن مېڭ جۇ» ئولتۇراق رايۇنى 19- بىنا 4- كورپۇسنىڭ ئالدىغا يوشۇرۇپ قويغان.
زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇم قىلىشى بىلەن، ج خ ساقچىلار زىيانلانغۇچىدىن ئەھۋال ئىگەللەش ۋە كۈزىتىش ئاپپاراتىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكار ياxxxxنى مۇقۇملاشتۇرۇپ، جاۋابكارنى چاقىرتىپ سوراق قىلىش ئارقىلىق، جاۋابكار ئۆزىنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايى قىلمىشىنى ئىقرار قىلىپ دىلو پاش بولغان.
مال باھاسىنى باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش نەتىجىسى يېزىلسۇن ؟
دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچىنىڭ زىينى ئەسلىگە كەلگەن.
جاۋابكار ياxxxxنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشلىرىنى: دىلو مەلۇماتى، دىلو پاش قىلىش دوكىلاتى، جاۋابكارنىڭ نوپۇس ئۇچۇرى، مال مۆلۈك تاپشۇرۋېلىش ھۆججىتى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، مال -مۆلۈك باھالاش يەكۈنى نەخ مەيدان تونۇتۇش خاتىرىسى، خەرىتىسى ۋە سۈرىتى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىز: جاۋابكار ياxxxxنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى« نىڭ 264- ماددىسدىكى ئوغۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل ئىسپاتى تولۇق. جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىشقا تىگىشلىك بولۇپ، »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى« نىڭ 176- ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. جاۋابكارغا قانۇن بويىچە جىنايى جازا بىرىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: سەيپۇللا ھەسەن
پۈتۈكچى: ئايىمگۈل ئابدۇريىم
2020- يىلى 05- ئاينىڭ 21- كۈنى
ئىزاھات: (1) جاۋابكار ئائىلىسىدە (2) ج خ تەھقىقلەش دىلوسى بىر توپلام (3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كىپىللىك خېتى ۋە دەلىل ئسىپات مۇندەرىجىسى بىرگە يوللاندى.
此致
疏勒县人民法院
检察官:赛普拉江艾山
检察官助理:×××
(院印)
2020年5月21日
附件:
1.被告人现在处所(具体包括在押被告人的羁押场所或监视居住、取保候审的处所)
2.案卷材料和证据××册××页
3.《认罪认罚具结书》一份
4.《量刑建议书》一份(单独制作量刑建议书时移送)
5.有关涉案款物情况
6.被害人(单位)附带民事诉讼情况
7.其他需要附注的事
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论