欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(色某某危险驾驶案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-24 独角龙 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕543号 

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئۇ ن ت ئەيىپنامە چىقىش (2020) 543-نۇمۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار سې x، ئەر، ئۇيغۇر، x-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى x، ئۇچتۇرپان ناھىيە xيېزا x-كەنىت x-مەھەللە x-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار سې xنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار بۇ دىلونى تېز سوت قىلىش تەرتىپىنى قوللۇنۇپ سوتلاشقا قۇشۇلدى.

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت

جاۋابكار سې x 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 23:30 ئەتراپىدا ئاغىنىسى ئاx بىلەن بىللە ئۇچتۇرپان بازىرى xشەھەر رايونىدىكى مەلۇم بىر دۇكاندا قىزىل ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ x-xپەرىقلەندۈرۈش نۇمۇر تاختىىسى ئېسىلغان ئىككى چاقلىق موتىسكىلىتىنى پىراۋىسىز مەست ھالەتتە ھەيدەپ مېڭىش جەريانىدا، شۇ ئەتراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

ئەدىليىلىك باھالاش پىكرىدە، سې xنىڭ ھەر100مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئالىكوگۇل مىقدارى 175.33 مىللىگىرام دەپ بىكىتكەن. 

دېلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلىگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار سې xنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش تىرانسىفورىت قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ پىراۋىسىز، مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولغان، بۇ ھەقتە دىلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كىرەك. جاۋابكارنىڭ قېنىدىن تەكشۈرۈپ چىقىلغان ئىسپىرىت مىقدارى، ھەيدەش سالاھىيىتى يوقلىقى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلىقى قاتارلىق تەرەپكە ئاساسەن جاۋابكارغا 3 ئاي 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 7000 يۈەن شىتراپ قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: ئىبرايىم مۇتەللىپ

پۈتۈكچى : ئابدۇرۇسۇل ۋېلى

2020-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلوسى يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە،تېلفۇن نۇمۇرى: x

(3) جىنايىتى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخىدىن يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top